ئامېرىكا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى ھەمكارلىقى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 22-ئىيۇل ئاگاھلاندۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ شىمالىي قۇتۇپ رايونى دېڭىز قاتناش لىنىيەلىرى ۋە بايلىقلار جەھەتتىن تېخىمۇ كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 22-ئىيۇل «2024-يىللىق شىمالىي قۇتۇپ ئىستراتېگىيەسى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى كەسلىن ھىكس ئاخبارات يىغىنىدا: «خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ھەمكارلىقىمۇ كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. رۇسىيە بىلەن خىتاي ئالياسكا قىرغىقىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى» دېگەن.

كەسلىن ھىكس مۇخبىرغا: «بىز خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى سودا ھەمكارلىقىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. خىتاي رۇسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى ئېنېرگىيە قېزىش ئىشلىرىنىڭ ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچىسى» دېگەن.

ئۇ باياناتىدا يەنە بۇ خەتەرلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى، چۈنكى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تېز ئۆرلىشى ۋە مۇز قەۋىتىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، بۇنىڭ پۈتۈن پائالىيەتلەرگە ئىمكانىيەت ياراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ئىستراتېگىيەسىدە شىمالىي قۇتۇپ «ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رايون» دەپ سۈپەتلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت تەۋەلىكىگە تۇتىشىدىغان شىمالىي لىنىيە ۋە مۇھىم بولغان دۆلەت مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1297 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2024 12:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق