تاشكەنتتە ياشاۋاتقان 73 ياشلىق ئۇيغۇر پىروفېسسور ئۆز ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلدى

ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ياشاۋاتقان 73 ياشلىق ئۇيغۇر پىروفېسسور ئابدۇلئەھەت قاھاروف تۇران ئۆز ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلغان.

تاشكەنت ۋاقىت گېزىتىنىڭ 23-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى پىروفېسسور ئابدۇلئەھەد قاھاروف تۇران 18-ئىيۇل تاشكەنتنىڭ ئالمىزار رايونىدىكى تۇرالغۇسىدا ئۆلتۈرۈلگەن.

18-ئىيۇل كەچ سائەت ئون ئەتراپىدا ئالمىزار رايونلۇق دائىرىلەر مەرھۇمنىڭ ئۆيىدىن شاۋقۇن-سۈرەن ئاۋازى ئاڭلانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغان. ئۇچۇرغا ئاساسەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ كېلىپ، ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچقان بولۇپ، ئۆينىڭ بالكونىدا 73 ياشلىق پىروفېسسور ئابدۇلئەھەتنىڭ بەدىنىنىڭ بىر نەچچە يېرى كېسىلگەن ھالدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بايقىغان.

ۋەقەدىن كېيىن جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلغان بولۇپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسەن، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بويىچە ئەيىبلەنگەن. نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارىنىڭ پىروفېسسور ئابدۇلئەھەتنى ئۆلتۈرۈش سەۋەبى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلانماقتىكەن.

نوپۇزلۇق ئاكادېمىك، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى پىروفېسسور ئابدۇلئەھەد قاھاروف تۇران ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيتى تەتقىقاتىدا كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنى سۇنغان بولۇپ، 2017-يىلى «شەرقىي تۈركىستاندىكى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ سىرى»ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغانىدى.

مەرھۇم بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، «ئۇيغۇر تارىخىي ۋە يىپەك يولى» ۋە «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تارىخى» تېمىلىرىدا توختالغانىدى ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتى، خىزمەتلىرى، تەتقىقاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەنىدى.

نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قارا قولىنى سۇنغان جىنايەتچىنىڭ ئېغىر جازالىنىشىنى، جىنايەتنىڭ پەردە ئارقىسىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى كۈتۈۋاتقان بولۇپ، دېلونىڭ جەريانىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

مەرھۇم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى تۆۋەندىكى ئۇلىنشتىن كۆرۈڭ:

https://www.youtube.com/watch?v=qXdmzt2CQfs&list=PLZ-qMLVfZhW5TQxlp6B7KaEIqOULhNFFc&index=135

 

https://www.youtube.com/watch?v=BWx1iuXRoD8&list=PLZ-qMLVfZhW5TQxlp6B7KaEIqOULhNFFc&index=133

بۇ خەۋەر 2070 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2024 14:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق