يېڭى دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىش جىنايىتى پاش قىلىندى

يېڭى ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئائىلىسىدىن تارتىۋېلىپ، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل جىنايىتى دەلىل-پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاندى.

19-ئىيۇل تەتقىقات ئورگىنى «شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزى»نىڭ ئورگان تور بېتىدە «خىتايدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىندى. مەزكۇر دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن تارىخىي باستۇرۇش ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە ئائىلىسىدىن تارتىۋالغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى.

مەزكۇر دوكلاتنى ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور ماگنۇس فىسكېسيۆ بىلەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم بىرلىكتە تەييارلىغان بولۇپ، دوكلاتتا تارىختىكى كەڭ كۆلەمدە بالىلارنى تارتىۋېلىپ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جىنايىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بالىلىرىنى نىشان قىلغان بىر قاتار زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلغانلىقى، بۇ خىتاينىڭ رايوندىكى باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى 2017-يىلى باشلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتى 1949-يىلىدىن باشلانغان. خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئائىلىسىدىن تارتىۋېلىش ھەرىكىتى ئىلگىرى خىتاينىڭ كۆچمەن-مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتلىرىگە تۇتىشىدىكەن. خىتاينىڭ بۇ جىنايىتى يۈز مىڭلىغان بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئاتالمىش «مەخسۇس مەكتەپ»، «دارىلئېتام»لارغا يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، تىلى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋەتكەنلىكى، ئۆز تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشىدىن چەكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنماي خاتالاشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى دۇمبالاش، قىيناش ئۇسۇللىرى بىلەن جازالانغان. يېقىندا بۇ ھەقتە ئىسپات بەرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۆز مەدەنىيىتى، ئانا تىلىدىن ئايرىۋېتىلگەچكە، ئىككى يىل ئىچىدە ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ، ئانا تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان.

بۇ دوكلاتتىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى باستۇرۇش، ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش جىنايىتى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلار ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى، ئاتالمىش «دارىلئېتام»دىكى قاراۋۇللارنىڭ سۈرەت ۋە سىنلىرى بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، خىتاينىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ئاشكارىلىغان تەپسىلاتلار ئىسپات قىلىنغان.

ئاپتورلار بۇ دوكلاتنى 2023-يىلى 27-ئۆكتەبىر كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى» دېگەن تېما بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەييارلىغان.

ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى جايلاردا بىكار قالغان ھۆكۈمەت بىنالىرى، تاقىۋېتىلگەن مەسچىت قاتارلىق ئورۇنلارغا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى سولاپ، «يەسلى» نامىدا بالىلار لاگېرى قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. خىتاي ئىزچىل تۈردە بۇ جىنايەتلىرىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، بالىلار لاگېرلىرىغا ئاتالمىش «پەرىشتىلەر باغچىسى» دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئانا تىلىدا سۆزلەشتىن چەكلەپ، تىلى تولۇق چىقىپ بولالمىغان نارەسىدە بالىلارنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيەلىمەكتە، ئۇلارنى مىللىي، دىنىي كىملىكىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ، تامامەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا، بالىلار لاگېرلىرىنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1473 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2024 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق