خىتاي پەلەستىن مەسىلىسى ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن قاچماقتا

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي پەلەستىن مەسىلىسىدە فاتاھ بىلەن ھاماس ئارىسىدا كېلىشتۈرگۈچى بولۇۋېلىش ئارقىلىق، ئەرەب-ئىسلام دۇنياسى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاماس، فاتاھ قاتارلىق پەلەستىن تەشكىلاتلىرىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدا بايانات ئىمزالاپ، ئۇزۇن يىللىق كېلىشەلمەسلىك مەسىلىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى قۇرۇشقا كېلىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭنىڭ ئېيتىشىچە، پەلەستىندىكى 14 تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى 21-ئىيۇلدىن 23-ئىيۇلغىچە بېيجىڭدا كېلىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەتتە پەلەستىندىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىپ، پەلەستىن مىللىي بىرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا «بېيجىڭ خىتابنامىسى»گە ئىمزا قويغان.

سۆھبەتكە قاتناشقان پەلەستىن مىللىي دەۋا رەئىسى مۇستاپا بارگوتىنىڭ ئېيتىشىچە، غەززەدىكى ئۇرۇش پەلەستىندىكى تەشكىلاتلارنى ئىسرائىلىيەگە قارشى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرغان بولۇپ، بارلىق تەشكىلاتلار پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىغا كىرىشكە قوشۇلغان.

ھاماس 2006-يىلدىن بۇيان غەززەنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، مۇداپىئە تونېلى ۋە مۇداپىئەلىنىش قورغىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ مۇداپىئە تونېلىنى 2003-يىلىنىڭ بېشىدا كولاشقا باشلىغان. كېيىن بۇنى كېڭەيتىپ، ئەڭ چوڭ يەر ئاستى مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم قەلئەسى قۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ھاماس ئىسرائىلىيەگە ئېغىر تەھدىت بولۇپ شەكىللەنگەن. گەرچە ئىسرائىلىيە بۇ تونېللارنى يوقىتىشنىڭ چارىلىرىنى كۆپ قېتىم ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەمما يەر ئاستى تونېلنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە مۇرەككەپ خەرىتىسى ئىسرائىلىيەگە توسالغۇ پەيدا قىلغان.

پەلەستىندىكى ئازادلىق تەشكىلاتى فاتاھ قۇرۇلغاندىن بېرى ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق پەلەستىننى ئازاد قىلىشنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ تەشكىلاتنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان باتى شەھرىيا، قۇدۇسنىڭ شەرقىي رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ناچارلاشقان. ئىسرائىلىيە بۇ رايونلارغا داۋاملىق يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان پەلەستىن خەلقىنى رايوندىن سىقىپ چىقارغان.

پەلەستىندىكى ئىككى ئاساسلىق تەشكىلات ھاماس بىلەن فاتاھ ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىختىلاپ بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا نەچچە قېتىم توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئىككى تەرەپ پەلەستىننى بىر ھاكىمىيەت ئاستىدا بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا كۆپ قېتىم تىرىشقان بولسىمۇ، بۇ ئۈمىدى ئىشقا ئاشماي كەلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ قېتىم پەلەستىن مەسىلىسىدە فاتاھ بىلەن ھاماس ئارىسىدا ياراشتۇرغۇچى بولۇۋېلىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنى، خۇسۇسەن ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنىڭ كۆزىنى بوياش، تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل ھەرىكەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسىدا يۇمشاق كۈچىنى زورايتىۋاتقان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىتنى چېقىۋەتكەنلىكىنى ياكى بۇزۇۋەتكەنلىكىنى، دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى تولۇق چەكلىگەنلىكىنى، خەلقنى ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1246 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2024 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق