كانادا خىتاينىڭ «چەت ئەل ساقچىخانىلىرى»نى تەكشۈرۈپ چىقتى

كانادا دائىرىلىرى خىتاينىڭ «چەت ئەل ساقچىخانىلىرى»نى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ چىققان بولۇپ، خەلق ھۆكۈمەتنى يېڭى قانۇن بويىچە خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى جازالاشقا چاقىرغان.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا تەۋەلىكىدىكى خىتاينىڭ بارلىق مەخپىي ساقچىخانىلىرىغا قارىتىلغان دەسلەپكى تەكشۈرۈش زور نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ، كانادا ھۆكۈمىتى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى بىلەن بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىلدا خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە خىتايلارنى كۆزىتىش ۋە تەھدىت سېلىش ئۈچۈن مەخپىي ساقچىخانىلارنى قۇرغانلىقى قاتتىق ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بۇ قانۇنسىز ساقچىخانىلار كانادا، ئامېرىكا، ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق ئەندىشىسىنى قوزغىغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى كىشىنىڭ بىلومبېرگ ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى بىلەن ئورتاقلىشىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، زۆرۈر تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى كانادا خان جەمەتى ساقچىلىرىدىن ئالاقىدار تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر جىنايى پائالىيەتلەر ھەققىدە توختىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خان جەمەتى ساقچىلىرى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خىتاي تەسىس قىلغان قانۇنسىز ساقچى پائالىيەتلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، كانادا خىتاي رېجىمىنىڭ يەر ئاستى ساقچىخانىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگەن تۇنجى دېموكراتىك دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن. كانادا خەلقى ھۆكۈمەتنى يېقىندا كۈچكە ئىگە بولغان «چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بويىچە خىتاينىڭ مەخپىي ساقچىخانىلىرىنى باشقۇرغان كىشىلەرنى ئىلگىرىكىدەك پەقەت ئەيىبلەپلا بولدى قىلماي، جازالاشقا چاقىرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گەرچە كانادا چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە ئىجرا قىلىشتا ھەمىشە باشقا ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىر قەدەم كېيىن قالسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن يېرىم يىلدا چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشى توغرىسىدىكى ئاشكارا تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر تەشكىلاتى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، كانادادىكى تەخمىنەن سەككىز ئورۇندا خىتاينىڭ «چەت ئەل ساقچىخانىسى» بار بولۇپ، ئۇنىڭ بەشى ساقچىخانا مۇساپىرلار مۇلازىمەت پونكىتى، ئۈچى خىتايلارغا ياردەم مەركىزى نامىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتىكەن. بۇلار كانادانىڭ تورونتو، ۋانكوۋېر ۋە مونترېيال قاتارلىق شەھەرلىرىگە تارقالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1461 قېتىم كۆرۈلدى
23/07/2024 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق