خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى داۋاملىق تېز سۈرئەتتە كۆچۈرمەكتە

خىتاي ئىشغالىيەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زور مىقداردا خىتاي ئاققۇنلىرىنى داۋاملىق كۆچۈرمەكتە.

خىتاي ياشلار تورىنىڭ 22-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خۇبېي ئۆلكىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتى خۇبېي ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى بويىچە پىدائىيلارنى شىنجاڭغا ئەۋەتىش» نامىدا يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مۇراسىمدا ۋۇخەندىن شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلىدىغان 240 تىن ئارتۇق ئاتالمىش «پىدائىي» خىتايلار يولغا سېلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل خۇبېي ئۆلكىسى ئاتالمىش «پىدائىيلارنى شىنجاڭغا ياردەمگە ئەۋەتىش»، «غەربىي رايون پىلانى» نامىدا جەمئىي 764 ئاققۇننى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەرقايسى شەھەر-ۋىلايەتلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاققۇنلار 512 نەپەر، ئاتالمىش ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىگە يەرلەشتۈرگەن خىتاي ئاققۇنلارنىڭ سانى 252 نەپەر ئىكەن.

2024-يىلى خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى بويىچە پىدائىيلارنى قوبۇل قىلىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كەلگەن ئاققۇنلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، بۇ يىل، مەزكۇر تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولغان.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە 2024-يىللىق ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى»غا تىزىملىتىشنىڭ جىددىي داۋاملىشىۋاتقانلىقى، 2024-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتالمىش «غەربىي رايون پىدائىيلىرى» پىلانىغا تىزىملاتسا بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتىدە، ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ئوبلاستلاردىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھەرخىل ناملاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان سىنلاردىمۇ خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە چاقىرىلىپ، ئاققۇنلارغا ھەقسىز يەر، ھەقسىز ئۆي، ئۆسۈمسىز قەرز، زور مىقداردا ياردەم پۇلى تەمىنلىنىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغانىدى.

يېقىنقى يىللاردا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئالدى بىلەن يېزا-كەنتلەردىكى دېھقانلارنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئاندىن يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا شارائىت ھازىرلىغان. ئارقىدىن ھەر خىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىش، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئالاھىدە يۇقىرى تەمىناتلار، تۈرلۈك ناملار بىلەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل، جىددىي داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2475 قېتىم كۆرۈلدى
23/07/2024 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق