شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ باش مىنىستىر سابىت داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى (3)

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ باش مىنىستىر سابىت داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى (3)

 

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

شۇنىڭدىن كېيىن مەخمۇت مۇھىتى كېلىشىم بويىچە ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، 1934- يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى قەشقەر شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، قوماندانلىق باش ئىشتابىنى قەشقەر شەھىرىدىكى سابىق «شىتەي يامۇلى»غا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەرتىپكە سېلىنغاندىن كېيىن، سانى 4000 كىشىگە يېتىدۇ. بۇ ئەسكەرلەر بىر بىرىگادا، 4 پولك (تۈەن)، بىر مۇھاپىزەتچى ئىسكادروندىن ئىبارەت بولۇپ، ھەممىسى ئاتلىق ئەسكەرلەر ئىدى.

مەخمۇت مۇھىتى قەشقەرگە كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇممۇ[1] قەشقەرنىڭ ۋالىيسى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ.


ئۇ يىللاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت»نىڭ رەئىسى، خوجىنىياز ھاجى بولسا مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان، يولۋاس[2] ئۆز ئالدىغا ئەسكەر توپلاپ، قۇمۇلنى مەركەز قىلىپ شېڭ شىسەي بىلەن پۇت تېپىشىۋاتقان، سوۋېت ئىتتىپاقى ما جۇڭيىڭنى ئالداپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ گېنېرالى ما خۇسەن[3] بىر قانچە مىڭ تۇڭگان ئەسكىرى بىلەن خوتەننى بېسىپ ياتقان، نامدا شېڭ شىسەينىڭ، ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەچچە مىڭ كىشىلىك قىزىل ئارمىيەسى «ئالتايىسكى»، «تارباغاتايىسكى» دېگەن ناملار بىلەن مارالبېشىغىچە قىستاپ كەلگەن بىر ۋەزىيەتتە ئىدى.

مەخمۇت مۇھىتى قەشقەرگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۈرۈمچىدىن خىتاينىڭ گوڭ جىڭخەن باشچىلىقىدا بىر پولكى قەشقەرگە كېلىپ يېڭىشەھەرگە، لۇ سىڭچۇڭ باشچىلىقىدا بىر پولكى يەركەنگە ئورۇنلىشىدۇ. يەنە ئۇزۇن ئۆتمەي شەرقىي شىمال پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ سابىق گېنېرالى ليۇ بىڭ گارنىزون قوماندانى بولۇپ كېلىپ يېڭىشەھەرگە ئورۇنلىشىدۇ. بۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئۈرۈمچى مەركەزلىك شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قاتتىق تىركىشىش دەۋرى باشلىنىدۇ ۋە مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ.

1937-يىلى باش ئەتىياز پەسلى ئىدى. بىر كۈنى كۈتۈلمىگەن بىر غەلىتە ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. مەخمۇت مۇھىتى ئىشخانىسىدا دىۋىزىيە سىياسىي-قانۇن باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تېۋىپ بايئاخۇن ئەزىزى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتاتتى. سۆھبەت ئۈستىگە ئىشخانا كاتىپى كىرىپ، قەشقەر گارنىزوندىن بىر خىتاينىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ. مەخمۇت مۇھىتى سورايدۇ:

- نېمە ئىش بىلەن كەپتۇ؟

- نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى دېمىدى، گېنېرالنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشىمەن، مۇھىم ئىشىم بار، دەيدۇ.

- مېنى ئالدىراش دېمىدىڭمۇ؟

- شۇنداق دېدىم.

- كىرگۈزۈۋەت.

كاتىپ چىقىپ كېتىپ، ھايال بولماي مەخمۇت مۇھىتىنىڭ بىر قوغدىغۇچىسى پۇقراچە كىيىنگەن پاكار بىر خىتاينى باشلاپ كىرىدۇ. مېھمان گارنىزون سىياسىي باشقارمىسىنىڭ خىزمەت گۇۋاھنامىسىنى چىقىرىپ مەخمۇت مۇھىتىغا ئۇزىتىدۇ.

- نېمە ئىش؟- دەيدۇ مەخمۇت مۇھىتى قىسقىلا قىلىپ.

ئۇ خىتاي ئەتراپتىكىلەرگە قاراپ:

- مەن مەلۇماتنى ئاغزاكى يەتكۈزمەكچى، بۇ يەردە يات ئادەملەر تۇرسا بولمايدۇ،- دەيدۇ.

مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئىشارىتى بىلەن مۇھاپىزەتچى چىقىپ كېتىدۇ.

ئۇ خىتاي:

- بۇ كىشى. . .- دەپ باي ئاخۇنغا قارايدۇ.

مەخمۇت مۇھىتى:

- ھېچقىسى يوق، بۇ كىشى مېنىڭ ئۆز ئادىمىم، گەپنى مەن بىلەن بىللە ئاڭلىسا بولىدۇ.

خىتاي سەل ئىككىلەنگەندەك قىلىپ سۆزىنى باشلايدۇ:

- بىزنىڭ باشقارما باشلىقى (چۈجاڭ) جانابلىرى سىلىگە سالام ئېيتتى، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكۈسى بار ئىكەن، مەن باشقارما باشلىقى جانابلىرىنىڭ مۇشۇ ئۈمىدىنى سىلىگە يەتكۈزگىلى كەلگەن.

- گەپ ئوچۇقراق بولسۇن، باشلىقىڭ نېمە ۋەجىدىن مەن بىلەن كۆرۈشىدىكەن، نېمىشقا ئۆزى كەلمىدى؟

- باشقارما باشلىقى جانابلىرى مۇھىم بىر ئىشنى سىلىگە مەلۇم قىلماقچىكەن، كۆرۈشۈش ئورنى ۋە ۋاقتىنى بېكىتىپ بەرگەن بولسىلا، شۇ جايدا سىلى بىلەن كۆرۈشسەم، دەيدۇ.

 مەخمۇت مۇھىتى بىردەم ئويلىنىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن:

- شۇنداق مۇھىم ئىشمىكەن، بەك ئالدىراشمۇ؟- دەيدۇ.

ئۇ خىتاي:

- شۇنداق، تەقسىر، باشقارما باشلىقى جانابلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ گېنېرال جانابلىرىنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ئىكەن.

مەخمۇت مۇھىتى بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن باي ئاخۇننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

- ئوبدان، ئەمىسە گەپ مۇنداق بولسۇن، مانا بۇ كىشى ئەتە ناماز دىگەر بىلەن ناماز شام ئارىلىقىدا باشقارما باشلىقىنىڭ يېڭى شەھەردىكى ئۆيىگە سالامغا بارىدۇ. بارغۇچە ھېچقانداق ئالاقە-گۇۋاھنامە بېرىلمەيدۇ. باشقارما باشلىقىنىڭ نېمە گېپى بولسا مۇشۇ كىشىگە خاتىرجەم دەۋەرسۇن، بۇ كىشىگە دېيىلگەن گەپ ماڭا دېگەنگە ئوخشاش، يەنە نېمە ئىش بار؟

خىتاي:

- باشقا ئىش يوق تەقسىر،- دەيدۇ، ئاندىن باي ئاخۇنغا ئوبدان سىنچىلاپ قارىۋالغاندىن كېيىن ئىشخانىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

باي ئاخۇن ئەتىسى ناماز دىگەرنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن، بىسمىللاھ دەپ پۇقراچە كىيىنگەن ئېگىز بويلۇق بىر مۇھاپىزەتچى ۋە مەپىكەش قىياپىتىدىكى بىر تەرجىمان بىلەن يېڭىشەھەر تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىدۇ. بايئاخۇن مەپىدە كېتىۋېتىپ چوڭقۇر خىيالغا غەرق بولىدۇ.

داۋامى بار...

ئالاقىدار يازمىلار:
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8728

https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8743

 



ا[1] ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم: دۆلەت قۇرۇلغاندا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرى بولغان. 1934-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە قەشقەرنىڭ ۋالىيسى بولغان. 1946-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى بىلەن مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن «11 بىتىم» ئىمزالىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ۋەكىلى سۈپىتىدە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ 25 ئەزاسىدىن بىرى بولغان. 1946-يىلى 6-ئايدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسى بىلەن 2-قېتىم قەشقەرنىڭ ۋالىيسى بولۇپ سايلانغان

[2] يولۋاس: 1889-يىلى مارالبېشىدا تۇغۇلغان. دەسلەپ قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇتنىڭ (1930 - 1882) ئوردىسىدا تەرجىمانلىق قىلغان. شامەخسۇت ئۆلگەندىن كېيىن قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەسكەر باشلىقىنىڭ ئامانلىق ئەترىتىگە باشلىق بولغان. قۇمۇل خەلقى خىتايغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە خىتاي تەرەپتە تۇرغان. خوجىنىياز ھاجىم بىلەن ما جۇڭيىڭنىڭ ئارىسى بۇزۇلغاندا ما جۇڭيىڭ تەرەپتە تۇرغان. خوجىنىياز ھاجىم، شېڭ شىسەي بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ ئۈرۈمچىگە ماڭغاندا، يولۋاس خوجىنىياز ھاجىمنى شېڭ شىسەيدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان. كېيىن ئۆز ئالدىغا ئەسكەر توپلاپ، قۇمۇلنى مەركەز قىلىپ شېڭ شىسەي بىلەن تىركەشكەن. 1949 - يىلى كوممۇنىست خىتاي ئەسكەرلىرى ۋەتىنىمىزگە بېسىپ كىرگەندە ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسىتىپ قاتتىق ئۇرۇشقان. 1950 - يىلى تەيۋەنگە قېچىپ كەتكەن، 1971-يىلى ئۆلگەن.

[3] ما خۇسەن: گەنسۇ لىنشيالىق (ھازىرقى نىڭشيا) تۇڭگان. ما جۇڭيىڭنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى ۋە ما جۇڭيىڭنىڭ ئەڭ ياراملىق قوماندانى. 1931 - يىلى ما جۇڭيىڭ بىرىنچى قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەندە بىللە كەلگەن.

بۇ خەۋەر 1176 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2024 21:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق