ياپونىيە تەيۋەن بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەيۋەن دېڭىز ساقچى پاراخوتى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، خىتاي ياپونىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە كابىنېت ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ھاياشى يوشىماسا 19-ئىيۇل ياپونىيە دېڭىز بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلەن تەيۋەن دېڭىز ساھىلى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ياپونىيەنىڭ شەرقىي قىرغىقى سىرتىدىكى دېڭىزدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بۇ بىرلەشمە مانېۋىر ئىككى تەرەپنىڭ خىتاينىڭ بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدە كۈچىيىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش تىرىشچانلىقى، دەپ قارالغان.

تەيۋەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، بۇنىڭ تەيۋەن بىلەن ياپونىيەنىڭ 1972-يىلى 9-ئايدا تاشقى مۇناسىۋەتنى ئۈزگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئورتاق دېڭىز مەشىقى ئىكەنلىكى، ئاساسلىقى خىتاينىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزى ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە تەيۋەننىڭ خەتەر تۇيغۇسى داۋاملىق كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە كەلگۈسىدىكى كۈتۈلمىگەن ۋەزىيەتكە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ياپونىيە كابىنېت ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ھاياشى يوشىماسا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق بىر دۆلەتنى نىشانلىغانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ دېڭىزدا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى جەھەتتىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپ مانېۋىرى خىتاي ياكى باشقا ھەرقانداق ئۈچىنچى دۆلەتنى نەزەردە تۇتمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھاياشى يوشىماسا سۆزىنىڭ ئاخىردا يەنە تەيۋەننىڭ ياپونىيەنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى ۋە قەدىرلىك دوستى ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئاساسىي قاراشلىرى، ئىقتىسادىي ئالاقىسى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەيرىي ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ئەمەلىي مۇناسىۋەتنى ساقلاش مەيدانى ئاساسىدا، توكيونىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاينىڭ ياپونىيەنىڭ تەيۋەن بىلەن بىرلەشمە دېڭىز مەشىقى ئۆتكۈزۈشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ياپونىيە تەرەپكە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى، خىتاي تەرەپنىڭ ياپونىيەنى ئاتالمىش «بىر خىتاي» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشقا، خاتالىقىنى تۈزىتىشكە چاقىرغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 18-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مانېۋىرغا ياپونىيە دېڭىز بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ «ساگامى» ناملىق كۆزەتچى پاراخوتى ۋە تەيۋەننىڭ دېڭىز ساقچى كېمىسى «شۈنخۇ 9» قاتناشقان بولۇپ، مانېۋىر ئورنى ياپونىيەنىڭ چىبا ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىزدا ئىكەن.

ياپونىيە NHK ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، تەيۋەننىڭ بۇ دېڭىز ساقچى پاراخوتىنىڭ خەلقئارا دېڭىز رايونىدا بېلىقچى كېمىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۆزەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلىقى، مانېۋىردىن بۇرۇن 10-ئىيۇل توكيو قولتۇقىدا ماي قاچىلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1375 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2024 16:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق