پاكىستان خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتا يېڭى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويدى

پاكىستان خىتاي مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدا يەرلىك كۆمۈرى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىشنى قارار قىلغان.

پاكىستان ئۆز زېمىنىدىكى خىتاي مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى پاكىستاننىڭ يەرلىك كۆمۈرى بىلەن ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشىنى پىلانلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئاۋاس لېغارىنىڭ يەكشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان بۇ ئايدىن باشلاپ پاكىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان خىتاي ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدىن ئىمپورت قىلىنغان كۆمۈرنىڭ ئورنىغا پاكىستاننىڭ سىند ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي - جەنۇبىدىكى كۆمۈر كانىدىن چىقىدىغان يەرلىك كۆمۈرنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلماقچى بولغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋاس لېغارى يېقىندا بېيجىڭغا زىيارەتكە بارىدىكەن. ئۇ يەكشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىدە، ئۆزىنىڭ خىتاي زىيارىتى داۋامىدا، خىتاي تەرەپ بىلەن پاكىستاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى قەرزلىرىنى قايتا تەشكىللەش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋاس لېغارى يېتەكچىلىكىدىكى پاكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى خەلقئارا پۇل فوندىنىڭ تەكلىپى بويىچە بېيجىڭغا بېرىپ، خىتاي ئەمەلدارلار بىلەن پاكىستان ئېنېرگىيە سانائىتىنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. خەلقئارا پۇل فوندى ئۆتكەن ھەپتە قەرز كىرىزىسىغا چۆككەن پاكىستان ھۆكۈمىتىگە يەتتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم مەبلىغى بېرىش پىلانىنى تەستىقلىغان.

ئاۋاس لېغارى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا: «بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى دەل خىتايدىن پاكىستانغا ئىمپورت قىلىنغان كۆمۈرنى يەرلىك كۆمۈرگە ئۆزگەرتىش مەسىلىسى. بۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېنېرگىيە ۋە ئېلېكتىر چىقىمىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇ كۈنتەرتىپتىكى ئەڭ چوڭ تۈرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.

خىتاي پاكىستاننى ساداقەتمەن ئىتتىپاقدىشى دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى زىچ بولۇپ كەلگەن. خىتاي كارخانىلىرى پاكىستاندا 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرى يولغا قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1372 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2024 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق