خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ئاپەت 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق زىيان كەلتۈرگەن

خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى خەنيۈەندە يۈز بەرگەن كەلكۈن ۋە قاتتىق يامغۇر سەۋەبلىك 30 دىن ئارتۇق خىتاي يوقاپ كەتكەن بولۇپ، بىۋاسىتە زىيان 10.21 مىليارد يۈەن يۈەندىن ئاشقان.

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ 21-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە 20-ئىيۇل شۇ جاي ۋاقتى سائەت 2:30 ئەتراپىدا، ياخەن شەھىرىنىڭ يېڭى خۇا كەنتىدە قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن كەلكۈن كېلىپ، 30 دىن ئارتۇق كىشى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، 40 تىن ئارتۇق ئۆي بۇزۇلغان. ھازىرغىچە سەككىز كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان. 21-ئىيۇن ئاھالىلەر جىددىي كۆچۈرۈلگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان ناھايىتى زور ئىكەن. 2024-يىلى 7-ئايدا خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسى يامغۇر پەسلى كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك يامغۇر ئاپىتىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئاپەتتە 10.21 مىليارد يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان. كەلكۈننىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يارىلىنىشى ۋە ئۆلۈمى، ئۆيلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنىلا كەلتۈرۈپ چىقارماستىن، يەنە زور مىقداردىكى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئىقتىسادىي زىيانغا سەۋەب بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1153 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2024 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق