شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ باش مىنىستىر سابىت داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى (2)

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ باش مىنىستىر سابىت داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى (2)

 

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

شۇ كېچىسى پۈتۈن قوماندانلار شەھەرنى تاشلاپ تارقىلىپ كېتىدۇ. خوجىنىياز ھاجى مەخمۇت مۇھىتى بىلەن يېڭىسارغا كېتىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئورازبەگ مىڭ يولىغا چىقىپ كېتىدۇ. مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى يۈسۈپجان تاشقورغان يولىغا، كىچىك ئاخۇن ئاتۇشقا چىقىپ كېتىدۇ. ئوتتۇرىدا پەقەت باش مىنىستىر سابىت داموللاملا قالىدۇ. سابىت داموللام دۆلەت مىنىستىرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى يىغىش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە خەۋەرچى ماڭدۇرىدۇ. خەۋەرچىلەر ئۇ قالايمىقانچىلىقتا پەقەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇزاربەگ بىلەن پارلامېنت ئەزاسى زەيدىن ئاخۇنلارنى تېپىپ كېلىدۇ.

سابىت داموللام بۇ ئىككى مىنىستىرى بىلەن يېنىدىكى 300 ئەتراپىدىكى جۇمھۇرىيەت مۇھاپىزەتچى قىسمىغا قوماندانلىق قىلىپ، تۇڭگان قوشۇنلىرىدىن قەشقەرنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشىدۇ. ئەمما نەچچە يۈز ئادەم بىلەن تاقابىل تۇرالماي، ئاخىر يەكەن شەھىرىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. تۇڭگانلار قەشقەر شەھىرىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن قاتتىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، 10 مىڭ كىشىنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ. قىز-ئاياللارنى ئاياغ-ئاستى قىلىپ، نۇرغۇن پۇل-ماللارنى بۇلاپ-تالايدۇ. قەشقەر شەھىرى ئاھۇ پەريادلار، قان دەرياسى ئىچىدە قالىدۇ.

خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەخمۇت مۇھىتىلار يېڭىسارغا چېكىنىپ، ئەسكەرلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ قەشقەرگە كېلىدۇ. ئۇلار تۇڭگانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ يەنە مەغلۇپ بولۇپ، خوجىنىياز ھاجى ئەركەشتامغا، مەخمۇت مۇھىتى بولسا مەكىتكە چېكىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا خوجانىياز ھاجىنىڭ يېنىدا پەقەت 116 ئەسكىرى قالغانىدى.

ئەركەشتامغا يېتىپ كەلگەن خوجىنىياز ھاجى ئامالسىزلىقتىن 2-ئاينىڭ 25-كۈنى چېگراغا بېرىپ، رۇسلاردىن ياردەم سورايدۇ. رۇسلار خوجىنىياز ھاجىغا بەرگەن ۋە بېرىدىغان قوراللار بەدىلىگە ئالتۇن تەلەپ قىلىدۇ. خوجىنىياز ھاجى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى خەزىنىسىدىن، قەشقەر مالىيەسىدىن ۋە خوتەن مۇجاھىدلىرىدىن يەكەندە تاپشۇرۇپ ئالغان نەچچە مىڭ سەر (بىر سەر ئالتۇن 36 گىرام) ئالتۇننىڭ ھەممىسىنى رۇسلارغا تاپشۇرىدۇ. رۇسلار ئالتۇنلارنى ئېلىپ بولۇپ خوجىنىياز ھاجىغا:

- قوراللار موسكۋادا، كەلگىچە كۈتۈپ تۇرۇڭ،- دەيدۇ.

خوجىنىياز ھاجى:

- ئالتۇنلارنى تاپشۇرۇپ بولساقمۇ قوراللارنى نېمىشقا بەرمەيسىلەر؟- دەيدۇ.

رۇسلار ئۇنىڭغا:

- سىلەر فۇكاڭ بىتىمىگە[1] خىلاپلىق قىلىپ، قەشقەردە مۇستەقىل دۆلەت قۇردۇڭلار،- دەيدۇ. خوجىنىياز ھاجى:

 - ئۇ دۆلەتنى مەن قۇرمىدىم، ئۇلار ئۆزلىرى قۇردى،- دەيدۇ.

رۇسلار:

- ئۇنداق بولسا مۇستەقىلچى ۋە مىللەتچىلەرنى يوقىتىش سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز،- دەپ ئۇنىڭغا قولغا ئېلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى سابىت داموللام باشلىق 11 مىنىستىرنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرىدۇ. خوجىنىياز ھاجى رۇسلار بىلەن 12 ماددىلىق كېلىشىم تۈزىدۇ. ئەركەشتام زىيارىتى مانا شۇنداق ئاياغلىشىدۇ.

خوجىنىياز ھاجى ئەركەشتامدىن قايتىش جەريانىدا كۆپ ئويلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئالدىدا ئىككى يول بار ئىدى. بىرى، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئالدىدا باتۇرلارچە ئۇرۇش قىلىپ شېھىت بولۇش؛ يەنە بىرى، ئۆز كۈچىنى ساقلاپ قېلىش. بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى سوۋېت ئىتتىپاقىنى رازى قىلىش ئىدى. خوجىنىياز ھاجى كېيىنكى يولنى تاللايدۇ.

بۇ جەرياندا خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەركەشتامغا بېرىپ، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تەستىقىنى ئالماستىن، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ رۇسلار بىلەن 12 ماددىلىق كېلىشىم تۈزگەنلىك خەۋىرى چاقماق تېزلىكىدە يېڭىساردا تۇرۇۋاتقان سابىت داموللام باشچىلىقىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. سابىت داموللام دەرھال تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاسىمخان ھاجى، ئادالەت مىنىستىرى زىرىپ قارى ھاجى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سەئىدزادە يۇنۇسبەگ، سەھىيە مىنىستىرى سۇلتان بەگ قاتارلىق 15 مىنىستىر بىلەن پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىپ، خوجىنىياز ھاجىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تۈزگەن توختامنى دەرھال بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، 30-نومۇرلۇق قارار[2] چىقىرىدۇ.

[30-نومۇرلۇق قارار

«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ئىسلامىيە»سى نازىرلار ھەيئىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنى

1934-يىلى مارت ئېيىنىڭ 2-كۈنى سائەت ئوندا، يېڭىسار شەھىرى

ئۇشبۇ يىل فېۋرال ئېيى ئوتتۇرىسىدا رەئىس جۇمھۇر خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەركەشتامدا سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكى ھەققىدە باش مىنىستىر سابىت ئابدۇلباقىنىڭ باياناتى:
...]

قارار «خوجىنىياز ھاجىنىڭ باش مىنىستىرغا ئومۇمەن نازىرلار كېڭىشىگە 1934-يىلى 25-فېۋرال 308-نومۇرلۇق ئەۋەتكەن يوللانمىسى...» دەپ باشلىنىپ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تۈزىگەن 12 ماددىلىق توختامنامىسىنىڭ مەزمۇنى بىرمۇ بىر ئېيتىپ ئۆتۈلگەن. كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى خوجىنىياز ھاجىغا قارىتا 12 ماددىلىق قارار چىقارغان. بۇ قارارنىڭ 11-ماددىسىدا: «خوجىنىياز ھاجى نازىرلار (مىنىستىرلار) ھەيئىتىنىڭ مۇراجىئىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۇتقان يولىدىن ۋاز كەچمىگەن تەقدىردە، بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە رەئىس جۇمھۇرلۇق ئالىي باش قوماندانلىق مەنسىپىدىن ئېلىۋېتىش ھەققىدە مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلسۇن» دېيىلگەن.

12-ماددىسىدا: «نەنجىڭ ۋە ياپون ھۆكۈمىتىگە ۋە بەينەلئەقۋام (مىللەتلەر بىرلەشمىسى)گە ھەققىمىزنى مۇداپىئە قىلىش توغرىسىدا مۇراجىئەت قىلىنسۇن» دېيىلگەن.

ئاخىرىدا «باش ۋەكىل: (ئىمزا) سابىت ئابدۇلباقى

كاتىپ: (ئىمزا) سوپىزادە

مۆھۈر: شەرقىي تۈركىستان باش ۋەكىللىكى»

دەپ يېزىلىپ، ئىمزا قويۇلۇپ تامغا بېسىلغان.

تۆۋەندىكىسى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى چىقارغان 30-نومۇرلۇق قارارىنىڭ ئەسلى تېكىستىنىڭ سۈرىتى (جەمئىي ئۈچ بەت)

ئەمما خوجىنىياز ھاجى يەنىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدۇ. ئۇ يېڭىسارغا كېلىپ مەخمۇت مۇھىتىغا سابىت داموللام قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرلىرىنى قولغا ئېلىش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۇ بۇيرۇق مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتمەي قارشىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خوجىنىياز ھاجى ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەخمۇت مۇھىتى قول ئاستىدىكى غوپۇر تۈەنجاڭغا[3] سابىت داموللام قاتارلىق دۆلەت مىنىستىرلىرىنى قولغا ئېلىش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.

غوپۇر تۈەنجاڭ 1934-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 200 ئەسكىرىنى باشلاپ يەكەنگە يېتىپ كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يەكەندە بىرەر مىڭغا يېقىن خوتەن قوشۇنى بار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا باغنىڭ ئىچىدىكى سابىت داموللام قاتارلىق دۆلەت مىنىستىرلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۈچ-تۆت يۈز كىشىلىك جۇمھۇرىيەت مۇھاپىزەتچى قىسمى ۋە سابىت داموللامنىڭ مەخسۇس تەربىيەلەنگەن، جەڭگىۋار ياشلاردىن تەركىب تاپقان 20 كىشىلىك مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى بار ئىدى. بۇلار باغنىڭ تۆت ئەتراپى ۋە يول تەرەپكە بۇرۇنلا قوغدىنىش ئىستىھكاملىرى ياساپ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى تەييار تۇرۇشقانىدى. ئەگەر بۇلار غوپۇر تۈەنجاڭغا قارشىلىق كۆرسەتسە، غوپۇر تۈەنجاڭنىڭ سابىت داموللاملارنى تۇتۇش ئەمەس، ئۆزىنىڭ ساق چىقالىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما سابىت داموللام خوتەن قوشۇنىغىمۇ، جۇمھۇرىيەت مۇھاپىزەتچىلىرىگىمۇ قارشىلىق قىلماسلىققا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سابىت داموللامنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى قاتتىق غەزەپلىنىپ:

- بىز بۇ ئەقىلسىزلار بىلەن ئاخىرغىچە ئۇرۇشىمىز،- دەپ تۇرۇۋالىدۇ. سابىت داموللام مۇھاپىزەتچىلىرىگە نەسىھەت قىلىپ:

- بالىلىرىم، ئۇلارنىڭ دەردى مېنىڭ بىلەن، ئۇلار بىزگە قورال كۆتۈرگەن بولسىمۇ، بىز ئۇلارغا قورال كۆتۈرمەيمىز، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز...- دەپ تەستە توسۇپ قالىدۇ.

سابىت داموللام ئۆيىگە كىرىپ، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، غوپۇر تۈەنجاڭلارنىڭ ئالدىغا راۋرۇس قىياپەتتە چىقىپ كېلىدۇ. غوپۇر تۈەنجاڭ سابىت داموللام، ئەدلىيە مىنىستىرى زىرىپ قارىھاجىم، سەھىيە مىنىستىرى سۇلتانبەگ قاتارلىق ئۈچەيلەننى تۇتۇپ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ. خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەخمۇت مۇھىتى ئۇلارنىڭ پۇتىنى كىشەنلەپ، ئۈچ مەپىگە سېلىپ مەكىتكە ئېلىپ ماڭىدۇ. بۇ جەرياندا تۇڭگان ماجەنساڭ ئەسكەرلىرى قوغلاپ يېتىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بولىدۇ. بۇ قالايمىقانچىلىقتا سۇلتانبەگ قېچىپ كېتىدۇ. لېكىن سابىت داموللام بىلەن زىرىپ قارىھاجىم قېچىشنى رەت قىلىدۇ.[4]


خوجىنىياز ھاجىلار سابىت داموللام بىلەن زىرىپ قارىھاجىمنى ئېلىپ ئاقسۇنىڭ ئاۋاتقا كەلگەندە، ئاقسۇدا سوۋېتنىڭ ما جۇڭيىڭ قىسىملىرىنى يوقىتىش ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىۋاتقان رۇس مەسلىھەتچىسى مالىكوف؟ كۈتۈۋالىدۇ. ئۇ خوجىنىياز ھاجىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرىنى تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، قاتتىق خۇشال بولۇپ كېتىپ، شۇ مەيداندىلا «خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى»لىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى ئېيتىدۇ. سابىت داموللام بىلەن زىرىپ قارىھاجىملار ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ، 2-تۈرمىگە قامىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قۇرۇلغان ياش شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بەش ئاي ئۆمۈر كۆرگەندىن كېيىن يىقىلىدۇ.

خوجىنىياز ھاجى كېيىن فۇكاڭ كېلىشىمى بويىچە ئاتالمىش ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئۈرۈمچىگە بارىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي[5] باشلىق، خوجىنىياز ھاجى مۇئاۋىن باشلىق بولغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت» قۇرۇلىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى ئۈرۈمچىگە بېرىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. قاتتىق دەتالاشلاردىن كېيىن شېڭ شىسەي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى مالىكوف مەخمۇت مۇھىتىنىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەرلىرى بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، قەشقەردە تۇرۇشىغا قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئارمىيەسى كېلىشىم بويىچە، نامدا شېڭ شىسەينىڭ 6-دېۋىزىيەسىگە (تولۇق ئىسمى ئاتالمىش «شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە قۇرۇقلۇق ئەسكىرى ئاتلىق قوشۇنى ۋاقىتلىق 6-دىۋىزىيەسى») ئۆزگەرتىلىپ، بۇرۇنقىدەك مەخمۇت مۇھىتىنىڭ قوماندانلىقىدا قالىدۇ.

داۋامى بار...

ئالاقىدار يازمىلار:

https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8728

 



[1] فۇكاڭ بىتىمى (فۇكاڭ كېلىشىمى): 1933-يىلى 6-ئاينىڭ 4 -كۈنى خوجىنىياز ھاجىم بىلەن سوۋېت ھىمايىسىدىكى شېڭ شىسەي ئوتتۇرىسىدا، سوۋېتنىڭ كېپىللىكى بىلەن تۈزۈلگەن 10 ماددىلىق كېلىشىم.

[2]  30-نومۇرلۇق قارار (قىسقارتىپ ئېلىندى): بۇ قارار كېيىن 1929-يىلى دېكابىردىن باشلاپ فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە چىقىرىلىشقا باشلىغان «ياش تۈركىستان ژۇرنىلى»نىڭ 1935-يىلى 10-ئايدىكى ئومۇمىي 71-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

[3] غوپۇر تۈەنجاڭ 1937-يىلى مەخمۇت مۇھىتى بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلغان. شۇ يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ مەككە شەھىرىنىڭ مەسفەلە مەھەللىسىدە ئولتۇرغان بولۇپ، بىر قىزى بار ئىكەن. ھازىر شۇ قىزىنىڭ بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرى بولۇپ، بەش ئەۋلادتىن يۈزگە يېقىن كىشىلىك بىر ئائىلە بولۇپ قالغان. بىر نەۋرىسى ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇچقۇچى ئىكەن. غوپۇر تۈەنجاڭ ئەرەبىستاندا «غوپۇر ھاجىم» دەپ تونۇلغانلىقتىن، باشقىلار ئۇنى بىلەلمىگەن. ئۇ 1989-يىلى ۋاپات بولغان.

[4] بۇ جەرياندا سابىت داموللامنىڭ قۇتۇلۇپ قالغانلىقى توغرۇلۇق «بۇ ۋاقىتتا داڭلىق سودىگەر زەيدىن كارۋان دېگەن كىشى توغرا كېلىپ قېلىپ، سابىت داموللامغا ئېتىنى بېرىپ قاچۇرۇۋەتمەكچى بولغاندا، سابىت داموللام قېچىشنى رەت قىلغان» دېگەن گەپلەرمۇ بار.

[5] شېڭ شىسەي: 1897-يىلى خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى كەييۈەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1919-يىلى ياپونىيەنىڭ توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. خىتاينىڭ شەرقىي شىمال ئارمىيەسىنىڭ 8-بىرىگادىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1926-يىلى ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. 1927-يىلى قايتىپ كېلىپ، مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ)نىڭ ئىنقىلابى ئارمىيەسى باش ئىشتابىدا ئالىي مەسلىھەتچىسى بولغان. 1930-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ جىن شۇرېن دۇبەن مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى شەرقىي تۈركىستانغا ۋالىي (دۇبەن) بولغان. 1949-يىلى تەيۋەنگە قېچىپ كەتكەن، 1970-يىلى ئۆلگەن. ئۇ 100 مىڭلىغان گۇناھسىز ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەن بىر قانخور جاللات.

بۇ خەۋەر 1433 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2024 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق