خىتاي ساقچىلىرى «موخوركا» دېلوسىنى پاش قىلغانلىقىنى دەۋا قىلدى

خىتاي يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇملىشىپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان «موخوركا» ناملىق زەھەرلىك چېكىملىكنى كۆرمەسكە سالغان بولۇپ، بۇ مەسىلە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى ۋە بۇ زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىشتىكى يەنە بىر رەزىل ۋاسىتىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. نۆۋەتتە خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى ئۈرۈمچى ساقچىلىرىنىڭ مەزكۇر زەھەرلىك چېكىملىكنى سېتىش دېلوسىدىن ئىككىنى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 19-ئىيۇل خەۋىرىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يېڭى شەھەر رايونلۇق شۆبىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىنىڭ يېزىلىق ساقچىخانا بىلەن بىرلىشىپ، زەھەرگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارىدىن بەشنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى، نەتىجىدە زەھەر سېتىش دېلوسىدىن ئىككىنى پاش قىلغانلىقى، نەق مەيداندىن 23.5 گىرام كېلىدىغان يېڭى تىپتىكى زەھەرلىك بۇيۇمنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئالدىنقى مەزگىللەردە تارقالغان بىر قىسىم سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ياشلار ئارىسىدا «موخوركا» ناملىق زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقى، ئۇنى چەككەن كۆپلىگەن ياشلارنىڭ تۇيۇقسىز قېتىپ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىتمۇ ئىلگىرى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە ئۇچۇر بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا سولاپ قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا يەنە بىر يېڭى ئۇسۇلنى قوشقانلىقىنى، يەنى «موخوركا» ناملىق زەھەرلىك چېكىملىكنى ياشلار ئارىسىدا تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

شاھىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن «موخوركا» ناملىق زەھەرلىك چېكىملىك پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ زەھەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان موخوركىغا ئوخشايدىكەن. نۆۋەتتە بۇ زەھەرلىك چېكىملىك ئاساسەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقان بولۇپ، 20 ياش ئەتراپىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى خۇمار بولۇپ، بۇ زەھەرنى چېكىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن. تۈرمە ۋە جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ياشلار ئىچىدە سەۋەبسىز ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن. بولۇپمۇ غۇلجىدا بۇ خىل ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار كۆپىيىپ كەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2688 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2024 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق