خىتاي ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ مۇرەككەپ زىددىيەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ مۇرەككەپ زىددىيەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

بۇ ھەپتە ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئاتالمىش «ئىسلاھاتنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خىتايچە زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق جانلىق ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ئېلان قىلىنمىغان. خىتاي ئەمەلدارى 19-ئىيۇلدىكى باياناتىدا خىتايچە زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە نۇرغۇن مۇرەككەپ زىددىيەتلەر ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېنىق ئېيتقان. بۇ كەلگۈسىدىكى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش مەسىلىسىنىڭ توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۆت كۈن داۋاملاشقان 3-ئومۇمىي يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەمەلدارلار بىر قاتار زىددىيەتلىك ۋەدىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلارغا سانائەت سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادىي ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەرز خەۋپىنى تىزگىنلەش قاتارلىقلار قوشۇلغان. ئەمما بۇ سىياسەت نىشانلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنى قانداق ھەل قىلىش پىلانى بارلىقى ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمىگەن. نۆۋەتتە قەرزنىڭ داۋاملىق ئىقتىسادىي ئۆسۈشتىن ئېشىپ كېتىپ، خەۋپنىڭ زورىيىشى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىغان.

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاڭ فاڭيۈ جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي ئىقتسادىي سىياسەتلىرىدە خىرىسلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. تاڭ فاڭيۈ سۆزىدە: «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش نۇرغۇن مۇرەككەپ زىددىيەتلەر ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلار ۋە توسالغۇلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ» دېگەن. تاڭ فاڭيۈ سۆزىنىڭ ئاخىرىغا: «ئىسلاھات قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، مەنپەئەت زىددىيەتلىرى شۇنچە مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولىدۇ» دەپ قوشۇپ قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سىياسىتىدىكى زىددىيەتلەر ئۇزۇن مۇددەتتىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ، ياسىمىچىلىق سانائىتىنىڭ ئاشۇرما قىممىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەتنى كۈچەيتىش، يەر-زېمىن ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باج كىرىمىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئەمما خىتاي بارغانسېرى قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىشكە باشلىغان. بۇ مەسىلىلەر ئاجىزلاشقان مۇقىم مۈلۈك بازىرى، چەت ئەلنىڭ تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت قەرز كىرىزىسى... قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1658 قېتىم كۆرۈلدى
20/07/2024 12:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق