خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي باستۇرۇشى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

18-ئىيۇل ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان دىنىي بېسىم، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى» ناملىق دوكلاتنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلىرى، ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسەتلىرى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە لېكسىيەلەر سۆزلەندى.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئابدۇجېلىل قارىھاجىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئايرىم-ئايرىم ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

ئۇلار سۆزلىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بېرى باستۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، خىتاينىڭ تېررور سىياسىتى ئېغىرلاشقانلىقى سەۋەبلىك، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىنىڭ بۇ جىنايەتلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى تەييارلىغان «شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى» سەرلەۋھەلىك دوكلاتنىڭ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكنىڭ رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يوقىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر دوكلاتنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خەلقئارادا تېخىمۇ كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە ۋاسىتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسلام تارىخى مۇتەخەسسىسى پىروفېسسور، دوكتور ئېھسان سۈرەييا سىنما ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە بۇ جەھەتتە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن تۈركىيە ياشلار ۋەقفى تاشقى ئالاقە مەسئۇلى ئوسمان كامىل باشۆرەن سۆز قىلدى. ئۇ دوكلاتنى تەييارلىغان جەمئىيەت ۋە شەخسلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە زور ئەھمىيىتى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن سىيەر ۋەقفىدىن مۇھەممەد ئەلى ئەلىئوغلى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئاللىبۇرۇن «دىنىي بېسىم ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى» مەسىلىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، دىنىي ۋە مىللىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك قەتلىئامغا يۈزلەنگەنلىكىنى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان دىلارا گۈزەلدەرە خانىم، فېيزا پىنار قىلىچ خانىم، ئادۋوكات ھامىد ئاقىن قاتارلىق تەتقىقاتچى، يازغۇچىلار سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئاپتورلاردىن دوكلات ھەققىدە سوئال سورىدى. تەتقىقاتچىلار دوكلاتنى ئىلمىي ھالدا كەڭ دائىرىلىك تونۇشتۇردى ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلارنى بەردى.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا، ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە پىروفېسسور دوكتور ياسىن ئاكتاي سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى.

بۇ باسقۇچتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرى تارىخىي نۇقتىدىن ھەمدە نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىندى. ئۇلار يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دوكلات ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

يىغىن ئاخىرىدا تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلەرگە خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3530 قېتىم كۆرۈلدى
19/07/2024 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق