ياپونىيە ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ كېڭىيىشىگە قارشى تۇرماقچى

ياپونىيە تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ كېڭىيىشى ۋە ئىقلىم ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇشنى پىلانلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  10-نۆۋەتلىك «تىنچ ئوكيان ئاراللىرى دۆلەتلىرى يىغىنى» 16-ئىيۇلدىن 18-ئىيۇلغىچە توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا ياپونىيە ۋە تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇنبىرىگە ئەزا 18 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان.

تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ۋە رايونلارنىڭ رەھبەرلىرى پەيشەنبە كۈنى بىر ئورتاق باياناتنى ماقۇللاپ، ياپونىيەنىڭ بۇ رايوندىكى تەرەققىيات مەسىلىلىرىدە تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىغا ھەمدە ھەر قانداق مەجبۇرلاش ھەرىكىتى ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى تۇرۇشقا قوشۇلغان. ياپونىيە ئالاقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتىكەن.

ئورتاق باياناتتا رەھبەرلەر ياپونىيەنىڭ ئىقلىم ئۆزگىرىشى، دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشقا قوشۇلغان، شۇنداقلا بۇ مەسىلىدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەندىن باشقا، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانغان ئەركىن ۋە ئوچۇق خەلقئارا قائىدە تەرتىپىنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

باياناتتا يەنە دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدا تەھدىت سېلىش، كۈچ ئىشلىتىش ياكى مەجبۇرلاش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى بىر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1572 قېتىم كۆرۈلدى
19/07/2024 11:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق