خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى يېپىق ھالدا ئاخىرلاشتى

خىتاي كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى يېپىق ھالدا ئاخىرلاشقان بولۇپ، يىغىن ئاخىرلاشقۇچە سۈرەت، ۋىدىيولارنىڭ تارقىتىلماسلىقى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي كومپارتىيەسى ئورگان تورىنىڭ 18-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، تۆت كۈن داۋاملاشقان خىتاي كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى 18-ئىيۇل ئاخىرلاشقان بولۇپ، يىغىن ھەققىدە ھېچقانداق سۈرەت ۋە سىنلىق خەۋەرلەرنىڭ تارقىتىلماسلىقى، شى جىنپىڭنىڭ بىرەر پارچە سۈرىتىنىمۇ چىقارمىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان. بۇ مەسىلە خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىغان بىر پەيتتە، 18-ئىيۇل خىتاي تاراتقۇلىرى يىغىننىڭ سىنلىق خەۋىرىنى تارقاتقان.

خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۆت كۈنلۈك يىغىن يېپىق ھالەتتە داۋام قىلغان بولۇپ، ئادەتتىكىدەك يىغىننىڭ ئاخىرلىشىش مۇراسىمى خىتاي خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىسلاھات يۈرگۈزۈش ۋە خىتايچە زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ يىغىنغا ئارقا-ئارقىدىن باھا بېرىپ، بۇ قېتىمقى 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ نەتىجىسى خىتاي بىلەن دۇنيانىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنى تېزلىتىشتىن سىرت، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يىغىندا، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىدىن ئېلىپ تاشلىغان.

خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بۇلتۇر ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ يەتتە ئايدىن كېيىنلا تۇيۇقسىز غايىب بولغانىدى ۋە 2023-يىلى 7-ئايدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىدىن، 10-ئايدا دۆلەت مەسلىھەتچىسى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاشكارا سورۇنلاردا كۆرۈنمىگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1493 قېتىم كۆرۈلدى
19/07/2024 11:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق