تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مىللىي گۆرۈش ھەرىكىتىنىڭ رەئىسىنى زىيارەت قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 18-ئىيۇل مىللىي گۆرۈش ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى كامال ئەرگۈن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

كامال ئەرگۈن ھەيئەتنى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالغان بولۇپ، ھەيئەت زىيارەت داۋامىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.

سۆھبەت جەريانىدا تۈركىيە ۋە چەت ئەللەردە داۋام قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

مىللىي گۆرۈش ھەرىكىتى 1960-يىلى تۈركىيەدە باشلانغان، ئۇنىڭ ئاساسچىسى نەجمىدىن ئەرباقان بولۇپ، ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولغان. بۇ ھەرىكەت ئىسلامىي قىممەت قاراشلار ۋە تۈرك مىللەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان تەسىرى كۈچلۈك ھەرىكەت بولۇپ، تۈركىيەدىكى بىر قانچە سىياسىي پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان. مىللىي گۆرۈش ھەرىكىتى پەقەت تۈركىيەدىلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپادىكى تۈرك مۇھاجىرلىرى ئارىسىدىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2855 قېتىم كۆرۈلدى
19/07/2024 11:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق