تۈركىيەدىكى ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى

17-ئىيۇل ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى زالىدا «ئۈمىد تەربىيەلەش پىروگراممىسى»نىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك ئۈمىد مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەقفى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تۈركىيەدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانىدا (LGS) يۇقىرى نومۇر ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى.

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇراسىم ئابدۇجېلىل قارىھاجىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.

ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ھىجرەتنىڭ ئەسلىدە ئەسلى يۇرتىنى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىپ، ھىجرەت زېمىندا خاتىرجەم جان بېقىش بولماستىن، بەلكى ھىجرەت رايونىدىكى خاتىرجەم ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، بىرلىشىپ كۈچ توپلاپ، ئەسلى يۇرتىنى ئازاد قىلىش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا پەرزەنتلەرنى ئىمان، ئەقىدە ئاساسىدا بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەش كېرەكلىكىنى، ھەرگىزمۇ ماددىي مەئىشەتنى ئالدىنقى قاتاردا سانايدىغان قىلىپ تەربىيەلىمەسلىك كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەقفىنىڭ قۇرغۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ مۇسۇلمانغا ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆسمۈرلەر ئىلىم ئۆگىنىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆز ساھەدە ئالىم بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئىلگىرى بارلىق ئىلىم ساھەسى مۇسۇلمانلارنىڭ  قولىدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا باشقىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىمگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ بىر ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىم سۆز قىلدى. ئۇ سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفىنىڭ مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە 2012-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى، شۇندىن بېرى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە بارلىقىنى ئاتاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئىمان ۋە ئېتىقادىنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بۇ نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن سۆز قىلىپ، ۋەقفىنىڭ بىنا سېتىۋېلىپ، بارلىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئوقۇش ئىشلىرىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلدى. ئۇ ئىلىم ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى، خۇسۇسەن تۆت نەرسىنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇۋېلىش كېرەكلىكىنى، ئۇلار بولسا ئۆزىنى تونۇش، ئانىلارنى تونۇش، ياشاۋاتقان مۇھىتنى، خىتايدىن ئىبارەت دۈشمەننى تونۇش ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان خورلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىلىم ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى، بۇ ئىلىم دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈمىد تەربىيەلەش تۈرىنىڭ مەسئۇلى، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر مۇكاپاتلاش پىروگراممىسىنىڭ مەقسىتى ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانى ھەققىدە توختىلىپ، تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانىنىڭ پەقەت بالىلارنىڭلا ئىشى بولماستىن، بەلكى ئاتا-ئانىلارمۇ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانىنىڭ رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۈركىيە ۋە خەلقئارادا ئىشىكلەرنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى، بىلىم ئىنساننى يۇقىرى مەرتىۋىگە چىقىرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر پىروگراممىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش پىلانىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەتتە بۇ يىل تۈركىيەدە تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانىدا 497.5759 نومۇر ئالغان بىر ئوقۇغۇچى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالما ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېرى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولغان ئىككى ئوقۇغۇچىغا بىردىن HP ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېرى، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى بولغان ئىككى ئوقۇغۇچىغا بىردىن ئايپەد مۇكاپات بېرىلدى.

ئۇندىن باشقا ئىمتىھاندىكى نومۇرى 400 دىن 420 گىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارغا 1000 لىرادىن نەق پۇل، نومۇرى 420 دىن 450 گىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارغا 2000 لىرادىن نەق پۇل، 450 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا 3000 لىرادىن نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى.

ئۇندىن باشقا نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى، ئەۋلاد نەشرىياتى ۋە ئايخان مەدەنىيەت ۋە مائارىپ فوندى پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى تەقدىم قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3010 قېتىم كۆرۈلدى
18/07/2024 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق