خىتايدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 16 خىتاي ئۆلدى

خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى بىر سودا سارىيىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 16 خىتاي ئۆلگەن، 80 گە يېقىن خىتاي قاپسىلىپ قالغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 17-ئىيۇل سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ زىگوڭ شەھىرىدىكى بىر سودا سارىيىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 16 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، يەنە نەچچە ئونلىغان خىتاي قاپسىلىپ قالغان.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھرىلەنگەن كۆرۈنۈشلەردە، زىگوڭ شەھىرىدىكى بىر ئېگىز بىنادىن قويۇق قارا تۈتۈننىڭ كۆككە كۆتۈرگەنلىكى كۆرۈنگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوت ئاپىتى بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى بىر سودا سارىيىدا باشلانغان.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن 30 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولۇپ، شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 8:20 ئەتراپىدا ئوت ئۆچۈرۈلگەن.

زىگوڭ شەھەرلىك دائىرىلەر ئوت ئاپىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر بىنادا 17-ئىيۇل يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋەقەسىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئەتىسى سەھەر سائەت 3 تە ئاخىرلاشقان. ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن 16 خىتاي ئۆلگەن. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى قۇرۇلۇش خىزمىتى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بولۇپ، كونكرېت ئەھۋال تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

بىلدۈرۈشىچە ، ئوت كەتكەن بىنا جەمئىي 14 قەۋەت بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا نۇرغۇن قويۇق ئىس-تۈتەك كۆككە كۆتۈرۈلگەن. 1- 4- 5- ۋە 6-قەۋەتلەردە ئوت مەنبەسى بايقالغان بولۇپ، نەق مەيداندىكى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش جەريانىدا 11 كىشىنىڭ كۆيۈپ كەتكەن جەسىتى بايقالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1441 قېتىم كۆرۈلدى
18/07/2024 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق