شى جىنپىڭ مەدھىيەلەنگەن ماقالىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بىر پەيتتە، شى جىنپىڭنى كۆككە كۆتۈرۈپ يېزىلغان ماقالىنىڭ خىتاي ئورگان تور بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈلۈشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى 15-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلغان بولۇپ، يىغىننىڭ تۇنجى كۈنىدە خىتاينىڭ رەسمىي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا «ئىسلاھاتچى شى جىنپىڭ» ماۋزۇلۇق ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلىنغان. ئەمما مەزكۇر ماقالە بىر كۈندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۆچۈرۈلگەن.

مەزكۇر ماقالىدە شى جىنپىڭغا «ئىسلاھاتچى» دېگەن سۈپەت بىلەن مەدھىيە ئوقۇلغان بولۇپ، ئۇنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى دېڭ شياۋپىڭ بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغان.

بىر قىسىم ئانالىزچىلار مەزكۇر ماقالىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىنىڭ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ئورنىنىڭ ئىنكار قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىملىق يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىشتەك ئالاھىدە ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىر قىسىم ئانالىزچىلار بولسا بۇ قاراشقا قوشۇلمىغان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيىتىدە تەۋرىنىش بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئالامەت يوق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چېكىنىش بىلەن ئالاقىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار بولسا مەزكۇر ماقالىدە شى جىنپىڭنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ ماختىۋەتكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك ئەكس تەسىر پەيدا بولۇشتىن ئەنسىرەپ، ئۆچۈرۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 1511 قېتىم كۆرۈلدى
18/07/2024 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق