خىتاي ئاتالمىش «رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش» ھەرىكىتىنى قايتا تەكىتلىدى

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈرلۈك باھانىلەر ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، 15-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس يىغىنىدا ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنە تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» 15-ئىيۇل مەخسۇس يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىندا ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش»نى دائىملىق كۈرەش قاتارىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەكىتلەنگەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى چېن مىڭگو يىغىندا: «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە مەخسۇس تۈزەشنى كۈچەيتىپ، 2024-يىلى بىخەتەر، مۇقىم بولغان سىياسىي مۇھىت، جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك» دەپ جار سالغان.

ئۇ يەنە «نۇقتىلىق ساھەلەرنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تۈزەش، تورغا چېتىشلىق قارا، رەزىل جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، نۇقتىلىق رايونلارنى تۈزىتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن پەردازلانغان تېررور سىياسىتىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىل داۋامىدا ئىزچىل ھالدا ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش، قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» قاتارلىق تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ خىل ناملار ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا، قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ساياھەت رايونلىرىنى تەسىس قىلىش، خىتايغا يېقىن ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش، چەت ئەلگە چىقىرىش قاتارلىق ناملار بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئىچكىرى جەھەتتە تۈرلۈك ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم خىتاينىڭ يەنە ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش گۇرۇپپىسى»نىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىك ۋە قاتتىق بېسىمنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2518 قېتىم كۆرۈلدى
17/07/2024 17:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق