ئارگېنتىنا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى

ئارگېنتىنا فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئارگېنتىنا فېدېراتىپ جىنايى ئىشلار ئالىي سوت مەھكىمىسى 11-ئىيۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

لوندوندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قارار ئىلگىرى بۇ ئىشنى ئارخىپتا ساقلاپ قويۇش ھەققىدىكى قارارىنى بىكار قىلغان بولۇپ، سوتنىڭ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش تەرتىپىنى باشلىشى ئادالەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشقان بىر قەدەم ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتكەنىدى. تەخمىنەن ئىككى يىل ئىلگىرى ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە خۇلاسە دوكلات ئېلان قىلغانىدى. 2021-يىلى لوندوندا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ھۆكۈم چىقارغانىدى. ئۇندىن باشقا، گوللاندىيەدىكى خەلقئارا پۇقرالار سوتى 8-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە گوللاندىيەنىڭ دەنھاھ شەھىرىدە ئالاھىدە خىتاي سوت كوللېگىيەسى قۇرۇپ، شى جىنپىڭنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەنىدى ۋە ئۇنىڭغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانىدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ھېچقانداق دۆلەتنىڭ رەسمىي سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرى توغرىسىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى باھالاپ باقمىغان. خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىزچىل تۈردە بۇ ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئۇنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن توقۇپ چىقىرىلغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

ئارگېنتىنا فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈشى ئۇيغۇرلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئالقىشلاندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1447 قېتىم كۆرۈلدى
17/07/2024 17:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق