خىتاينىڭ تاجىكىستانغا مەخپىي ھەربىي بازا قۇرغانلىقى يەنە ئوتتۇرىغا چىقتى

سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاجىكىستانغا زور مەبلەغ سالغاندىن سىرت، ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

سانائەت خەۋەرلىرى تورىنىڭ 12-ئىيۇل سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى باھانىسىدىن پايدىلىنىپ، تاجىكىستاندا مەخپىي ھەربىي بازا قۇرۇشقا باشلىغان.

خىتاي ئون يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ئەڭ چەت يەرلىرىنىڭ بىرىدە بۇ خىل ھەربىي بازىنى قۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي 2016-يىلى تاجىكىستان بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئېگىزلىكى 3000 مېتىرغا يېتىدىغان تاغلارغا ئورالغان بۇ ئورۇندا كۆزىتىش مۇنارلىرى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى بار ئىكەن. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا كۆرسىتىلگىنى بويىچە، خىتاي بىلەن تاجىكىستان بىرلىكتە مۇنتىزىم ئورتاق ھەربىي مانېۋىرلار ئۆتكۈزمەكتىكەن.

نۆۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرىكى قاراۋۇلخانىسىدىن كېڭەيتكەن بۇ بازىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلمىغان، ئەمما سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر بازىغا بارىدىغان يوللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قۇرۇلۇشنىڭ ئىزچىل داۋاملاشقانلىقىنى كۆرسەتكەن. خىتاي پۈتۈن چېگرالىرىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغان، بولۇپمۇ ھىمالايادىكى ھىندىستان زېمىنىغا كىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. خىتاي ئادەتتىكى ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك شېرىكى بولغان رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان بىر مەزگىلدە تاجىكىستان بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەردىمۇ رۇسىيەگە ئوخشاش بىر قاتار ئىشلارنى پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەندىشە قوزغالغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 15-ئىيۇل خىتاينىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى «خىتاينىڭ تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتى»نى ئېلان قىلغان. باياناتتا خىتاي بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەمكارلىقى خەۋپسىزلىك قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، بۇ رايوندا ئېغىر خىرىس ۋە تەھدىت مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتى سۇپىلىرىدا زىچ ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرغانلىقى، بەزى تاراتقۇلار تارقاتقان «خىتاي تاجىكىستان زېمىنىدا ھەربىي بازا قۇردى» دېگەن خەۋەرنىڭ ئاساسى يوق ئىكەنلىكى، بۇ مەسىلىنىڭ خىتاي-تاجىكىستان سۆھبەت كۈنتەرتىپىدە مەۋجۇت ئەمەسلىكى دەۋا قىلىنغان.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 2020-يىلى ئاشكارىلىغان ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردا خىتاي يەنە تاجىكىستاننىڭ «بىخەتەر شەھەر» پىلانىغا ئاساسەن دۈشەنبىدە مۇرەككەپ كۆزىتىش سىستېمىسى قۇرغان ھەمدە تاجىكىستاننى يېڭى قوراللار بىلەن تەمىنلىگەن. خىتاينىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۆ بىن 2018-يىلى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تاجىكىستانغا ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ ماڭغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم توساق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئەلچىسى يۆ بىننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى خىتاينىڭ تاجىكىستاندا ھەربىي بازا قۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1241 قېتىم كۆرۈلدى
17/07/2024 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق