شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ باش مىنىستىر سابىت داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى (1)

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ باش مىنىستىر سابىت داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى (1)

 

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

كىرىش سۆز

مەن بۇ ماقالىدە ئاساسلىق بىلىۋېلىشىمىز زۆرۈر بولغان، ئەمما كۆپلىگەن خەلقىمىز بەلكىم ياخشى بىلمەيدىغان، باش مىنىستىر سابىت داموللام تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ 1934-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە تۆت يىل جەريانىدا مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇشلىرىنى قەلەمگە ئالدىم.

بۇ ماقالىدىكى تارىخىي جەريانلار 1980-يىللاردىن باشلاپ ھازىرغىچە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدا نەشر قىلىنغان كۆپلىگەن تارىخىي كىتاب، ژۇرنال ۋە ماقالىلەردە ئېلان قىلىنىپ بولغان. مەنمۇ «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق كىتابىمنى ئىلگىرى نەشر قىلىنغان كىتابلار قاتارلىق مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ يازغانىدىم. ئەمما يېزىلغان تارىخلار ئايرىم كىشى ۋە گۇۋاھچىلار تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم ۋە ئەسلىمە سۈپىتىدە پارچە-پارچە يېزىلغان بولۇپ، بىر پۈتۈن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ماقالىنى يېڭىدىن يېزىپ، پۈتۈنلەپ ھەم قىسقارتىپ، تەقدىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تارىخىمىزنى يېزىپ چىقتىم.

بۇ ماقالىنى يېزىش مەقسىتىم

مەن يېقىنقى 10-8 يىل جەريانىدا كۆپ ساندىكى خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرمىگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن تارىخىمىزنى ياخشى بىلمەيدىغانلىقىنى، تارىخىمىزغا قىزىقمايدىغانلىقىنى بايقىدىم. مەن شۇنىڭدىن كېيىن ئىزدىنىپ، ئونلىغان كىتابلاردا يېزىلغان، ئوقۇشقا توغرا كەلسە بىر قانچە يىل ۋاقىت كېتىدىغان تارىخنى قىينالماي ھەم زېرىكمەي پەقەت ئىككى-ئۈچ سائەت ئىچىدە قىسقىچە بولسىمۇ بىلىۋېلىش مۇمكىنچىلىكى بارمىدۇ؟ دەپ ئويلاندىم ۋە بۇ ھەقتە بىر ماقالە يېزىش قارارىغا كەلدىم.

شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ماقالىنى بىر نەچچە ئاي جەريانىدا كۆپلىگەن كىتابتىكى تەقدىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تارىخىمىزنى رەتلەپ چىقىپ، پۈتۈنلەپ، ئىخچاملاشتۇرۇپ يېزىپ چىقتىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇشى ھەم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە قېلىشىغا ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن، 15-10 يىل جەريانىدا يىغىپ ساقلاۋاتقان بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرىنىمۇ كىرگۈزدۈم.

* * * * *

1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى دۆلەت ئاتىسى سابىت داموللام قەشقەر شەھىرىدە داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلايدۇ. دۆلەت ئىسمى، بايرىقى، گېربى (بەلگىسى)، قانۇنى، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى ۋە ئون ئالتە مىنىستىرلىقنىڭ مىنىستىرلىرىنى بېكىتىپ ئېلان قىلىدۇ:

دۆلەت ئىسمى: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى.

دۆلەت بايرىقى: ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق.

دۆلەت قانۇنى: قۇرئان كەرىم ئاساس قىلىنىدۇ.

دۆلەت گېربى ئوتتۇرىسىغا «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» يېزىلغان، ئىككى باش بۇغداي ئوتتۇرىسىغا ئېلىنغان ئاي يۇلتۇز.

ھۆكۈمەتكە سايلىنىدىغانلار: ھەر بىر ئادەم 16 ئادەمنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبەرلىكىنى سايلاپ چىقىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى: خوجىنىياز ھاجىم (قۇمۇل)

باش ۋەكىل (باش مىنىستىر): سابىت داموللام ئابدۇلباقى كامالى[1] (ئاتۇش)

ئەدلىيە (ئادالەت) مىنىستىرى: زىرىپ قارىھاجىم[2] (قەشقەر، ئۆزبېك)

دۆلەت ئارمىيەسى باش قوماندانى: مەخمۇت مۇھىتى[3] (تۇرپان)

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: ئۇزاربەگ[4] (قىرغىز)

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: يۇنۇسبەگ سەييىد زادە (تۇرپان)

خارجى ئىشلار (تاشقى ئىشلار) مىنىستىرى: قاسىمجان ھاجىم[5] (خوتەن)

مالىيە مىنىستىرى: ئېلى ھاجىم (ئاتۇش)

مائارىپ مىنىستىرى: ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم[6] (قەشقەر)

سەھىيە مىنىستىرى: ئابلاخان (ئۆزبېك)

ئەۋقاف (ۋەقفىلەر) مىنىستىرى: شەمشىدىن داموللام (ئاتۇش)

سودا ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى: ئوبۇل ھەسەن ھاجىم (ئاتۇش)

باش مىنىستىرنىڭ باش كاتىپى: مۇھەممىدىن ھاجىم (قەشقەر)

ھەربىي تەمىنات قىسمى (ئارقا سەپ): سۇلتانبېك (ئۆزبېك)

مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى: يۈسۈپجان (ئۆزبېك)

قاتارلىق 16 ئادەم سايلاندى.

باياننامە ئوقۇلغاندىن كېيىن باش مىنىستىر سابىت داموللام ئومۇمىي خەلققە قاراپ تۆۋەندىكى خىتابنامىنى ئوقۇيدۇ: «ئەزىز مىللىتىم، ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلىرىم، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا، پەيغەمبىرىمىزگە دۇرۇدى بىناھايەت بولسۇنكى، مۇستەقىل دۆلىتىمىز قۇرۇلدى!...»

دۆلەت قۇرۇلغان ۋاقىتتا جۇمھۇر رەئىس خوجىنىياز ھاجىم بىلەن باش قوماندان مەخمۇت مۇھىتىلار ئۇچتۇرپاندا ئىدى. 1934-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى خوجىنىياز ھاجىم ۋە مەخمۇت مۇھىتىلار ئىككى مىڭغا يېقىن ئاتلىق ئەسكىرى بىلەن ئۇچتۇرپاندىن ئەۋۋەل ئاتۇشقا يېتىپ كېلىدۇ. باش مىنىستىر سابىت داموللام باشلىق ھەرقايسى مىنىستىر ۋە قوماندانلار ئاتۇشقا بېرىپ، خوجىنىياز ھاجىم ۋە مەخمۇت مۇھىتىلارنى دەبدەبىلەر بىلەن قارشى ئالغاندىن كېيىن، قەشقەر شەھىرىگە باشلاپ كېلىدۇ.

خوجىنىياز ھاجىملار كەلگەندىن كېيىن ئوردىدا مەجلىسلەر ئېچىلىپ، يېڭىشەھەرگە ھۇجۇم قىلىش قارار قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەخمۇت مۇھىتى قوماندانلىقىدا تۇڭگان ما جۇڭيىڭنىڭ[7] يېڭىشەھەردىكى قوماندانى ماجەنساڭ قىسىملىرىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغايدۇ. يېڭىشەھەر سېپىلىگە قاپسىلىپ قالغان تۇڭگانلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان دەل شۇ پەيتتە، ما جۇڭيىڭ ئەۋەتكەن 2000 كىشىلىك ياردەمچى قوشۇن ما شىمىڭ باشچىلىقىدا قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرگە تۇڭگان يېغىپ كېتىپ، قەشقەردە ما جەنساڭ[8]، ما شىمىڭ ۋە ما شاۋۋۇ[9] (ما دوتەي)لارنىڭ ئەسكىرى 6000 غا يېتىدۇ. بۇ خىل كۈچ پەرقى قەشقەر ۋەزىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

داۋامى بار...

 



[[1]] سابىت داموللام: 1883-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. بۈيۈك ئىسلام ئالىمى، ئىنقىلابچى ۋە سىياسەتچى. 1930-يىلى غۇلجىدا ئىنقىلابچى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا (1965-1901) بىلەن ئۇچرىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرى ئۈستىدە كېڭەشكەن. 1931-يىلى دۇنيا ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەجگە بېرىش جەريانىدا بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى داڭلىق ئالىملار بىلەن پىكىرلەشكەن. 1932-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، 1933-يىلى خوتەندە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلاب قوزغاپ غەلىبە قىلغان. 1933-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىنىسى ئەمىر ئابدۇللاھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن قەشقەرگە كىرگەن. «ئەقىدە جەۋھەرلىرى»، «شېرىن كالام» ۋە قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان «روشەن بايان، تۈركىي تەپسىرۇل قۇرئان» قاتارلىق كىتابلىرى بار. 1941-يىلى 58 يېشىدا شېڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىسىدە ۋاپات بولغان.

[[2]] زىرىپ قارىھاجىم: 1872-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئاتاقلىق دىنىي ئالىم. 1934-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سابىت داموللام بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنغان. 1941-يىلى تۈرمىدىن چىققان. 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدا ئىككىنچى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ باش قازىلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1958-يىلى 86 يېشىدا غۇلجىدا ۋاپات بولغان. «تەپسىرى زەرىف» ئىسىملىك يەتتە توملۇق تەپسىر كىتابى بار.

[[3]] مەخمۇت مۇھىتى: 1887-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. 1932-يىلى تۇرپاندا ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتى (1885-1933) بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئاكىسى شېھىت بولغاندىن كېيىن ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىپ، كېيىن خوجىنىياز ھاجىم بىلەن بىرلەشكەن. 1945-يىلى 58 يېشىدا خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە سىرلىق ھالدا ۋاپات بولغان.

[[4]] ئۇزار بەگ (ئۇزار بېك): «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر» دېگەن كىتابتا ئىسمى «ئوراز بەگ» دېيىلگەن. 1933-يىلى سوۋېتتىن قەشقەرگە كەلگەن. ئۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن ئۇلۇغچات تاغلىرىغا چىقىپ كەتكەن ۋە شۇ تاغلاردا غايىب بولغان؟

[[5]] قاسىمجان ھاجىم: 1901-يىلى خوتەندە تۇغۇلغان. تىجارەتچى ۋە ئىنقىلابچى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، 1934-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان. خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان. 1981-يىلى 80 يېشىدا پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى پاكىستان، ھىندىستان، مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان ۋە ھەققىدە كۆپلىگەن مەرسىيە، شېئىرلار يېزىلغان.

[[6]] ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم: 1870-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. دىنىي ئالىم، سودىگەر ۋە ئىنقىلابچى. 1934-1937-يىللىرى قەشقەرنىڭ ۋالىيسى بولغان. 1946-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مىللەتچى خىتاي بىلەن «11 بىتىم» ئىمزالاپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت» قۇرغاندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ 25 ئەزاسىدىن بىرى بولغان. 1946-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقنىڭ تەلىپى بىلەن ئىككىنچى قېتىم قەشقەرنىڭ ۋالىيسى بولۇپ سايلانغان. 1955-يىلى 85 يېشىدا ۋاپات بولغان.

[[7]] ما جۇڭيىڭ: 1911-يىلى گەنسۇنىڭ خېجۇ (ھازىرقى نىڭشيا)دا تۇغۇلغان. مىللىتى تۇڭگان. ياش ۋاقتىدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئوقۇيدىغان ھەربىي مەكتەپتە تەربىيەلەنگەن. 17 يېشىدا باتالىيون كوماندىرى بولغان ۋە «گاسىلىڭ» (بالا قوماندان) دەپ نامى چىققان. مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ)نىڭ 36-دىۋىزىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1930-يىلى ئەنشىدە ما بۇفاڭ دېگەن تۇڭگان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان. 1933-يىلى 1-ئايدا مۇسۇل مۇھىتى (1941-1870)، يولۋاس (1971-1889) قاتارلىق ۋەكىللەر تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ياردەم قىلىش تەكلىپى بىلەن بىرىنچى قېتىم، 1932-يىلى خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىككىنچى قېتىم ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن. كېيىن بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا بالا بولغان. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىمۇ مۇشۇ ماجۇڭيىڭنىڭ زەربىسى بىلەن يىقىلغان. 1934-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن، 1937-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

[[8]] ما جەنساڭ: گەنسۇلۇق تۇڭگان بولۇپ، ما جۇڭيىڭنىڭ ئىشەنچلىك قوماندانى. 25 ياش بولسىمۇ، ۋىجىك بولغاچقا 15 ياشتەك كۆرۈنىدۇ. ئىنتايىن رەھىمسىز، ھىيلىگەر ھەم قۇۋ. 1934-يىلى قوشۇنى بىلەن قەشقەر شەھىرىدە 6000 دىن ئارتۇق خەلقنى قىرىۋەتكەن. كۆپلىگەن قىز-ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلغان، خەلقنىڭ ناھايىتى كۆپ بايلىقىنى بۇلاپ-تالىغان. يېڭىساردىمۇ نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، قانخور قاتىل.

[[9]] ما شاۋۋۇ (ما دوتەي): تۇڭگانلارنىڭ خەلىپىسى بولۇپ، تۇغۇلغان يېرى ۋە تارىخى ئېنىق ئەمەس. دىن تەرغىب قىلىش بىلەن داڭ چىقارغان بولۇپ قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇدىكى تۇڭگان مۇرىتلىرى نەچچە مىڭغا يەتكەن. دەسلەپ قەشقەرنىڭ كېيىن ئۇچتۇرپاننىڭ ئامبىلى (ھاكىمى) بولغان. 1924-يىلى سىيىت نوچى ئۇچتۇرپاندىن قەشقەرگە ماڭماقچى بولغاندا، ئۇ قەشقەر دوتىيى جۇ رۈيچىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر پارچە سالام خېتىم بار، دەپ سىيىت نوچىنىڭ ئۆلۈم پەرمانىنى يېزىپ بەرگەن. نەتىجىدە سىيىت نوچى ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى ئاپىرىپ بەرگەن ۋە 1924-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەردە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ما شاۋۋۇ 1942-يىلى شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1215 قېتىم كۆرۈلدى
17/07/2024 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق