ئۇيغۇر ئۆسمۈر خەلقئارالىق ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئون ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئابدۇللاھ پاكزات مالايشىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلارغا شەرەپ كەلتۈردى.

مەزكۇر خەلقئارالىق مۇسابىقىگە (World Mathematics Invitational) 22 دۆلەتتىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تاللانغان سەرخىل ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئابدۇللاھ پاكزات تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، مىس مېدالغا ئېرىشكەن.

ئابدۇللاھ پاكزات بۇنىڭدىن ئىلگىرى 10 مىڭدىن كۆپ ئوقۇغۇچى قاتناشقان «كېنگۇرۇ ماتېماتىكا مۇسابىقىسى»دە يىگىرمە توققۇزىنچى بولغان. ئۇنىڭ يەنە پىروگرامما تىللىرى ئاساسىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، C/C++, Python تىللىرىدا مۇرەككەپ پىروگراممىلارنى يازالايدىكەن ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق روبوتلارنى ياسىيالايدىكەن.

ئۇ ئىلگىرى UyghurSTEM تەربىيەلەش پىروگراممىلىرىغا قاتناشقان بولۇپ، 2023-يىلىدىن بېرى يەنە ئوقۇغۇچىلارغا Python دەرسلىرىنى بېرىپ كەلمەكتىكەن.

بۇ خەۋەر 1502 قېتىم كۆرۈلدى
16/07/2024 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق