ناتو بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت كەسكىنلەشمەكتە

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ۋاشىنگتون يىغىنىدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 14-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە ياۋروپادىكى ئوخشاش مەيداندىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشقان بولۇپ، بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ كۈچىيىشنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. خۇسۇسەن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت تېخىمۇ كۈچەيگەن.

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ تىپىك چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى ئىكەنلىكىنى، بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە كىملەرنىڭ دوست ئىكەنلىكىنى، كىملەرنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بايقاش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

ناتو ئالدىنقى كۈنلەردە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىنىدا ياپونىيە، كورىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە بىلەن تۆت يېڭى ئورتاق تۈرنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ تۈرلەر ئاساسلىقى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تۆت دۆلەت بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسى، سۈنئىي ئىدراك، ساختا ئۇچۇر مۇداپىئەسى ۋە تور بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشكەن.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان نىشاننىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئورتاق دۇنياۋى مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي ناتونى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق گۇرۇھلار ئارا توقۇنۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، رايوندىكى كەسكىنلىكنى كۈچەيتتى، دېگەن دەۋا قىلغان.

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ناتو بۇ ئورتاق تۈرلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتمەكچى ئەمەس، بەلكى مۇھىم ساھەلەردە رىقابەت ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئوخشاش ئىدېئولوگىيەلىك دۆلەتلەرنى تەشكىلاتقا كىرىشىگە جەلپ قىلماقچى بولغان.

ياپونىيەلىك بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى ستېفېن ناگى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە ياپونىيە ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ تىرىشچانلىقلارنى ئاسىيادا ناتو قۇرۇش ئۇرۇنۇشى، دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1294 قېتىم كۆرۈلدى
16/07/2024 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق