ئىتالىيە بىلەن ئىسپانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا باج كۆپەيتىشىنى قوللىدى

ئىتالىيە بىلەن ئىسپانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئىشلەپچىقارغان توكلۇق ئاپتوموبىللارغا تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى 15-ئىيۇل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىش مەسىلىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۈشەنبە كۈنى يېرىم كېچە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەدبىرگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقىسى چەكلىمىسىز ئاۋاز بېرىش مەسىلىسى بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كەلگۈسىدە مەڭگۈلۈك باج ئېلىشنى قوزغىتىش-قوزغاتماسلىق توغرىسىدىكى ئاخىرقى قارارىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا سىياسىتىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشىغا مەسئۇل بولۇپ، 5-ئىيۇلدىن باشلاپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىللارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %37.6 ۋاقىتلىق باج قويغان. بۇ تەدبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى مەسلىھەت خاراكتېرلىك بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ھەر قايسى ئەزا دۆلەت ھۆكۈمەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئىگىلەپ، كېيىنكى باسقۇچتا مەڭگۈلۈك باج ئېلىش ياكى ئالماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشقا ئاساس قىلماقچى بولغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ھۆكۈمەت مەنبەسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيە باج ئېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىسپانىيەمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پولشا تەرەققىيات مىنىستىرلىقى بولسا ۋارشاۋانىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ نۆۋەتتە مىنىستىرلىقلار ئارا مەسلىھەتلىشىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە ئەمەلدارلىرى جۈمە كۈنى بېرلىننىڭ بىتەرەپ ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، گىرېتسىيە شەنبە كۈنىگىچە بۇ ھەقتە ئۆز پوزىتسىيەسىنى بېكىتمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1158 قېتىم كۆرۈلدى
16/07/2024 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق