ئىستانبۇلدا پىراكتىكانتلار پىروگراممىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ پىراكتىكانتلارنى تەربىيەلەش پىروگراممىسىنىڭ باشلىنىشى مۇراسىمى 13-ئىيۇل فاتىھ رايونىغا جايلاشقان نەسلىشاھ كۈلتۈر ۋە تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

پىروگراممىنىڭ  ئېچىلىش مۇراسىمىغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا كۆپلىگەن شەخسلەر ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئايرىم-ئايرىم ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، مەزكۇر پىروگراممىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. ئارقىدىن تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى پىراكتىكانتلار پىروگراممىسىنىڭ غايىسى ۋە نىشانلىرى ھەققىدە توختالدى.

مۇراسىم داۋامىدا پىراكتىكانتلارنىڭ بۆلۈم مەسئۇللىرى ئۆز بۆلۈمىدىكى خىزمەتلەرنى بايان قىلدى ۋە پىروگراممىغا تىزىملىتىپ قاتناشقان پىراكتىكانتلارنى ئۆزئارا تونۇشتۇردى.

مەزكۇر پىروگرامما خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پىروگرامما ئارقىلىق خەلقئارا سەھنىدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنى كۈچەيتەلەيدىغان، ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان يېڭى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسەت قىلىنغان. بۇ پىروگرامما ئىككى ئاي داۋاملىشىدىغان بولۇپ، پىروگراممىغا ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن 26 ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3085 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2024 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق