شى جىنپىڭغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

خەلقئارا پۇقرالار سوتى شى جىنپىڭغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولۇپ، ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش  بىلەن ئەيىبلىدى.

خەلقئارا پۇقرالار سوتى 8-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە گوللاندىيەنىڭ دەنھاھ شەھىرىدە ئالاھىدە خىتاي سوت كوللېگىيەسى قۇرۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى تەھقىقلەپ چىققان. ئاخىرىدا شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش، تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش، تەيۋەن ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرى بېكىتىلگەن.

مەزكۇر سوتقا ئۇيغۇرلاردىن فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى، پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر، ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلار، شۇنداقلا مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇندىن باشقا، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى گېساڭ دورجى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئېنخېباتۇ تاۋگچۇگ ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرىمۇ شى جىنپىڭنىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، دۇنيا پۇقرالار سوتى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى بېكىتكەن ۋە شى جىنپىڭغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇنى قولغا ئېلىشقا چاقىرغان. تۇتۇش بۇيرۇقىدا دۇنيا پۇقرالار سوتى شى جىنپىڭنى ئەرز قىلىش ۋە قولغا ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك يېتەرلىك قانۇنىي ئاساس تاپقانلىقىنى بايان قىلغان:

1. تىبەتلەرگە قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش: يەنى تىبەت ئۆسمۈرلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەش، قاماققا ئېلىش ياكى باشقا ئېغىر دەرىجىدە شەخسىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش، تىبەت پۇقرالىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش: يەنى قاماققا ئېلىش ياكى باشقا ئېغىر دەرىجىدە ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، ئۇيغۇر بالىلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، زىيانكەشلىك قىلىش، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۇنيا پۇقرالار سوتى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى شى جىنپىڭغا قارىتا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشقا، رەسمىي سوتلاشنى باشلاشقا ۋە تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، سوت ئېچىلىشتىن ئىلگىرى سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان گۇۋاھچىلارنىڭ بىر قىسمى خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى «قارا قوللىرى»نىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1431 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2024 12:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق