خىتاي بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى شەرقىي تۈركىستاندا بىرلەشمە مەشىق باشلىدى

خىتاي بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «شۇڭقار قالقىنى − 2024» ناملىق ھاۋا ئارمىيە بىرلەشمە مەشىقى شەرقىي تۈركىستاندا باشلاندى.

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى «شۇڭقار قالقىنى − 2024» ناملىق ھاۋا ئارمىيە بىرلەشمە مەشىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 10-ئىيۇل شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مەشىققە قاتناشقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ھەربىي ئەمەلدارى مۇراسىمغا قاتناشقان.

باشلىنىش مۇراسىمىدا خىتاي-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مەشىققە قاتناشقان ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ تىزىلغان، ئىككى تەرەپنىڭ قوماندانلىرى بىر-بىرىنىڭ ئۇچقۇچىلار ۋەكىللىرىگە بىرلەشمە مەشىق بەلگىسى تاقاپ قويغان. مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەشىققە قاتناشقان ئەسكەرلەر بېكىتىلگەن پىلان بويىچە مەشىق مەيدانىغا يۆتكەلگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشمە مەشىق 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلىدىكەن.

بۇ، خىتاي بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 2-قېتىم «شۇڭقار قالقىنى» نامىدا ھاۋا ئارمىيەسى بىرلەشمە مەشىقىنى تەشكىللىشى بولۇپ، بۇلتۇرقى تۇنجى قېتىملىق «شۇڭقار قالقىنى» بىرلەشمە ھەربىي مەشىقىمۇ ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن. خەۋەردە بىرلەشمە ھەربىي مەشىقىدىكى مەقسەتنىڭ ئىككى تەرەپ ھاۋا ئارمىيەلىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن، ئەمما بىرلەشمە مەشىقنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قايسى جايىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا ئەرەب دۇنياسىدىكى تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان بولۇپ، ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ، پۇرسەتتىن پايدىلانغان خىتاي ئىقتىسادىي، ھەربىي، سىياسىي ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. بۇنىڭغا ماس ھالدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئوخشاش دۆلەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە كۆز يۇمۇپلا قالماي، يەنە خىتاينىڭ بۇ تېررور سىياسەتلىرىنى ماختىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2775 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 18:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق