ئامېرىكا تۈرلۈك باستۇرۇشلارغا چېتىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى ئىجرا قىلماقچى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دىنىي ۋە ئېتنىك جەھەتتىن باستۇرۇشقا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى  12-ئىيۇل چەتكە قېقىلغان دىنىي ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قەدەم-باسقۇچلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى  باياناتچىسى مەسيۇ مىللېر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئامېرىكا خىتايدىكى ئىنسانىي ھوقۇقلارنى قوغداش ئۈچۈن ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن.

باياناتتا: «خىتاي ئىنسانىي ھوقۇقلارنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى» دېگەنلەر تەكىتلەنگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، خوڭكوڭدا باستۇرۇلۇۋاتقان تۈپ ئەركىنلىك، تىبەتتە دەپسەندە بولۇۋاتقان ئىنسانىي ھوقۇقلار ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەت ھالقىپ باستۇرۇش مەسىلىلىرى تىلغا ئېلىنغان.

باياناتتا يەنە: «بىز خىتاينى‹دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى›دە بايان قىلىنغان پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلىشقا، بۇ يىل ئۇنىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىگە نىسبەتەن ئومۇمىي تەكشۈرۈش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆپلىگەن تەۋسىيەلەرنى قوبۇل قىلىشقا، جۈملىدىن خالىغانچە ۋە ئادىل بولمىغان ھالدا تۇتقۇن قىلغان كىشىلەرنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دېيىلگەن.

باياناتتا قايسى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋىزا چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقى ئېنىق دېيىلمىگەن بولۇپ، پەقەت «كۆچمەنلەر ۋە دۆلەت گىراژدانلىقى قانۇنى»نىڭ 212-ماددىسىنىڭ ئالاقىدار تارماق مەزمۇنىغا ئاساسەن تەدبىر قوللانغانلىقى بايان قىلىنغان.

«كۆچمەنلەر ۋە دۆلەت گىراژدانلىقى قانۇنى»نىڭ ماددىسىغا ئاساسەن، ئەگەر مەلۇم بىر چەت ئەللىكنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە جىددىي سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1373 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 18:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق