خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاي رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، شۇ كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئەسى ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان تەھدىتكە قارىتا ئەندىشىسىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 12-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 7-ئاينىڭ باشلىرىدا «بىرلەشمە دېڭىز-2024» ناملىق ھەربىي مانېۋىرىنى باشلايدىغانلىقىنى، مانېۋىرنىڭ 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردا خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جەنجياڭ شەھىرى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر دېڭىز ۋە ھاۋا ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىزدىكى بىخەتەرلىك تەھدىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىنى قوغداش ئىرادىسىنى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

خىتاي تەرەپ بۇ مانېۋىر ئارقىلىق خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇ مانېۋىرنىڭ بېيجىڭ بىلەن موسكۋانىڭ يىللىق ھەربىي ئالاقە پىلانىغا ئاساسەن ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ خەۋەر ۋاشىنگتوندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان. ناتو بۇ يىغىندا رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇكرائىنانى قوللاش مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەنىدى ۋە شۇنداقلا ئۇرۇشتا خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن تەنقىد قىلىنغانىدى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى يىللاردا مۇناسىۋىتى كۈنسېرى يېقىنلىشىۋاتقان ۋە «چېكى يوق دوستلۇق» دەپ دەۋا قىلىنىۋاتقان خىتاي-رۇسىيە ئىككى تەرەپ ناتو بىلەن دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن. خىتاي ئارمىيەسى بۇ ھەپتە يەنە رۇسىيەنىڭ يەنە بىر ئىتتىپاقدىشى بولغان بېلارۇسىيە بىلەن ناتونىڭ شەرقىي چېگراسىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ياپونىيە زېمىنى ئەتراپىدىكى بىرلەشمە ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئېغىر ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1360 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 18:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق