خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي چېقىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش»، «تەرەققىيات رايونىغا ئۇدۇل كېلىپ قېلىش» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن چېقىش، ئۆزگەرتىش جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم 10-ئىيۇل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تارقاتقان بىر سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاندا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى يېڭى بولۇشىغا قارىماي مەجبۇرىي چېقىشنى داۋاملاشتۇرغان.

مەزكۇر سىندا خىتاي مەجبۇرىي چاقماقچى بولغان ئۆينىڭ ئەسلى كۆرۈنۈشى، ئۇنىڭغا قوشنا ئائىلىنىڭ ئۆيىنىڭ چېقىپ بولغاندىن كېيىنكى خارابىلىكلىرى كۆرسىتىلگەن. سىندا كۆرسىتىلىشىچە، مەجبۇرىي چېقىلماقچى ئىككى قەۋەتلىك ئۆي ھەرخىل گۈزەل نەقىشلەر ۋە ئويمىلار بىلەن مىللىي ئۇسلۇبتا بېزەلگەن، كۆركەم سىرلانغان بولۇپ، ئۆينىڭ سېلىنغىنىغا تېخى ئۇزاق بولمىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. ئۆينىڭ تۈۋرۈكلىرىمۇ ئويما تۈۋرۈك بولۇپ، ئۆينىڭ تام، تورۇس ۋە لىملىرىنىڭ بېشىغا نەقىش ئويۇلغان. ھەتتا ئۆينىڭ ھويلىلىرىمۇ چىرايلىق ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا ياسالغان. مەزكۇر سىنلار خىتاينىڭ دەۋا قىلىۋاتقىنىدەك ئاتالمىش «كونا، ئاجىز ئۆيلەرنى يېڭىلاپ سېلىش» ئەمەس، بەلكى يېڭى سېلىنغان ئۆيلەرنىمۇ مەجبۇرىي چاققانلىقىنى، ئۇيغۇر مەھەللىرىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

سىندا تارقاتقان ئۆي ئىگىسى خىتايلارنىڭ ئاتالمىش «تەرەققىيات رايونىغا توغرا كېلىپ قالدى» دېگەن باھانە بىلەن ئۆينى چاقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى، بۇنى ئاڭلاپ كېچىدە ئۇخلىيالمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۆي ئىككى قەۋەت قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، پۈتكىلى ئاران ئۈچ يىل بولغان يېڭى قورۇ ئۆي ئىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى 2010-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش» نامىدا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىشكە، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 2023-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىي 49 مىڭ 662 يۈرۈش ئۆي ۋە رايوننى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتكەن. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى جەمئىي 1 مىليون 797 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي چېقىپ ئۆزگەرتىلگەن.

بۇندىن بىر ھەپتە بۇرۇن غۇلجا ناھىيە بايتوقاي كەنتى چىغلىق مازار كەنتىدىمۇ خىتاي رېجىمىنىڭ بارلىق دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى رۇخسەتسىز تارتىۋېلىپ، خىتاي ئاققۇنلىرىغا بېرىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىمۇ غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى زور كۆلەمدە تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن دىنىي، مىللىي قىممەت قاراشلىرىدىن، ئۆز كۈلتۈرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ، نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى كۆزدىن يوقىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر-ئىسلام ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى، ھويلا-ئاراملارنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەجبۇرىي چاققان. تارقالغان سىنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئازراقمۇ پەسەيمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ يىلمۇ تۈرلۈك يوسۇندا داۋاملىق كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2490 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 17:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق