ناتو: خىتاي رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ھالقىلىق ئىتتىرگۈچىسى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى خىتاينى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى «ھالقىلىق ئىتتىرگۈچى» دەپ ئاتىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى «گۇناھنى باشقىلارغا دۆڭگىدى» دەپ جار سالدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 10-ئىيۇل «ناتو ۋاشىنگتون خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلىپ، خىتاينى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى «ھالقىلىق ئىتتىرگۈچى» دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە خىتاينى دەرھال رۇسىيەگە قاراتقان ئۇرۇش ياردىمىنى توختىتىشقا چاقىرغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتسىز ھالدا، ئامېرىكا تەرىپىدىن توقۇپ چىقىرىلغان يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىكى «خىتاي رۇسىيەنى قوللىدى» دېگەن باياناتىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى «ۋاشىنگتون خىتابنامىسى»دا ئىشلىتىلگەن «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ھالقىلىق ئىتتىرگۈچى» دېگەن ئىبارە ناتونىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان خىتاينى ئەڭ قاتتىق ئەيىبلىشى دەپ قارالماقتا.

خىتابنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى چەكلىمىسىز ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ۋە خىتاينىڭ رۇسىيە مۇداپىئە سانائىتىگە زور مەبلەغ سېلىشى رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش قوزغىشىغا ياردەم بەرگەن. ناتو خىتابنامىدە خىتاينى رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىگە بولغان بارلىق ماددىي ۋە سىياسىي قوللاشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى يېنس سىتولتېنبېرگ چارشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ رۇسىيەگە ھەربىي-پۇقراۋى ئۈسكۈنىلەر، مىكرو ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋە باشقا نۇرغۇن قوراللارنى تەمىنلىگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، پارتلاتقۇچ ۋە ئايروپىلان قاتارلىق قوراللارنى ياسىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ستولتېنبېرگ باياناتىدا يەنە: «ناتونىڭ بارلىق ئىتتىپاقداشلىرى (خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم قىلغانلىقىنى) ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇ خىتايغا نىسبەتەن مۇھىم بىر ئۇچۇر. بىز بۇ ئەھۋالنىڭ يەنە داۋاملىشىشىغا يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1150 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 17:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق