پاكىستاندىكى خىتاي مەبلەغ سالغان تۈرلەر بىخەتەرلىك تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە

خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبلىك، پاكىستاندىكى خىتاي مەبلەغ سالغان تۈرلەر تارىختا كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بىخەتەرلىك تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن.

نىيۇيورك پوچتىسى گېزىتىنىڭ 11-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان ئاۋات پورت شەھىرىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان بىخەتەرلىك توساقلىرى ۋە يۈزلىگەن يېڭى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغان.

پاكىستاننىڭ ئەرەب دېڭىزىغا تۇتاشقان ئەڭ چوڭ شەھىرى كاراچىدا پاكىستان ئەمەلدارلىرى خىتاي ياردەم بەرگەن تەرەققىيات تۈرلىرىنى قوغدايدىغان ئالاھىدە قىسىمغا يۈزلىگەن ئادەم سەپلىگەن. ئۇندىن باشقا پايتەخت ئىسلامئابادتا ئەمەلدارلار خىتاي پۇقرالىرىنى قوغداشقا مەخسۇس يېڭى ساقچى ئەترىتى قۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتاي مەبلەغ سالغان چوڭ تۈرلەرگە قارىتىلغان قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبلىك، پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتكەن. خىتاي ئىشچىلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن پاكىستان ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي قۇرۇلۇش، ئېنېرگىيە ۋە سودا تۈرلىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ پاكىستان تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشى 2015-يىلى باشلانغان بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلانغان تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ئىكەن. ھازىر پاكىستاندا ئون مىڭلىغان خىتاي ئىشچى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، مۆلچەرلەنگەن سانلار ئوخشاش ئەمەس ئىكەن. نۆۋەتتە خىتاينىڭ مەبلىغى پاكىستان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئامېرىكا 2021-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا قاراتقان ياردىمى ئاستا-ئاستا ئازايتىلغان.

بۇ يىل -26مارت بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى ماشىنىسىنى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى توسما قۇرۇلۇشىغا كېتىۋاتقان خىتاي ئىنژېنېرلارنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە سوققان بولۇپ، ماشىنىدىكى بەش خىتاي، بىر پاكىستانلىق شوپۇر ئۆلگەنىدى. بۇ، شۇ ھەپتە ئىچىدە پاكىستاندىكى خىتاي مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئالاقىدار ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇم بولۇپ قالغانىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن 30-مارت بىر خىتاي ئەمەلدارى خىتاي ھۆددىگەرلىرىنىڭ پاكىستاندىكى ئىككى چوڭ توسما قۇرۇلۇشىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى ۋە بۇ شىركەتلەر پاكىستان دائىرىلىرىدىن تەخمىنەن 1250 خىتاي ئىشلەيدىغان ئورۇننى قايتا ئېچىشتىن بۇرۇن، يېڭى بىخەتەرلىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئالدىنقى ئايدا باش مىنىستىر شاھباز شەرىفنىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، مەملىكەت مىقياسىدا تېررورلۇققا قارشى يېڭى ھەرىكەتنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بۇ قارارنىڭ چىقىرىلىشىدا خىتاينىڭ بېسىمىنىڭ مۇھىم سەۋەب ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1037 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 17:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق