خىتاينىڭ بۇلغانغان يېمەكلىك مېيى توشۇش قىلمىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

يېقىندا خىتايلارنىڭ خىمىيەلىك ماي توشۇغان باكنى تازىلىماي يېمەكلىك مېيى قاچىلىغانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، خەلق ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلغان. كۆرسىتىلىشچە، خىتايدا 19 يىل ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي رېجىمى ئۇ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرنى باستۇرۇۋەتكەن. نۆۋەتتە خىتايدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سىستېمىسى يېتەرلىك بولمىغاچقا، يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان ماينىڭ بۇلغىنىش ۋەقەسى كۆپەيگەن.

مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇخبىرلار ئۇزۇن مۇددەت ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نۇرغۇنلىغان ئادەتتىكى يۈك ماشىنىلىرىنىڭ پۇرچاق يېغى قاتارلىق يېمەكلىك مايلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى خىمىيەلىك سۇيۇقلۇقلارنى توشۇيدىغانلىقىنى بايقىغان. ئاشكارىلىنىشىچە، نۇرغۇنلىغان ماي توشۇغۇچى خىتايلار چىقىمنى تېجەش ئۈچۈن، ئەسلىدە خىمىيەلىك بۇيۇملارنى قاچىلىغان باكنى تازىلىمايدىكەن. بۇ سەۋەبلىك يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ماينىڭ بۇلغىنىشى كېلىپ چىققان.

خىتاينىڭ يەنە بىر تاراتقۇسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىمىيەلىك سۇيۇقلۇق بىلەن يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان ماينى ئارىلاشتۇرۇپ توشۇش ۋەقەسى بىر قېتىملىق ئەھۋال ئەمەس ئىكەن. نۆۋەتتە خىتايدا ئۇزۇن يوللۇق توشۇش جەريانى نازارەت قىلىنمايدىكەن.

BBC نىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا خىمىيەلىك بۇيۇملارنى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان باكلىق يۈك ماشىنىلىرى يېمەكلىك مېيى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ مەسىلە خىتايدىكى خەۋەرلەردە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سەتچىلىكىنى پەيدا قىلغان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زەھەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ماي قاچىلاش ماشىنىلىرىنىڭمۇ يېمەكلىك مېيى ۋە باشقا يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان. خىتايدىكى بۇ خىل سەتچىلىك ھەققىدىكى خەۋەر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا قاتتىق كۈنتەرتىپكە كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تور دۇنياسىدىكى ئىنكاس ۋە نارازىلىقلار خىتاي رېجىمىنى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە مەجبۇرلىغان بولۇپ، 10-ئىيۇل خىتاي يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ، بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، باكلىق ئاپتوموبىللاردا يېمەكلىك يېغى توشۇش ھالقىسىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەلتۆكۈس تەكشۈرىدىغانلىقىنى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كارخانىلار ۋە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يېمەكلىكلەرنى بۇلغاش قىلمىشى تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىپ يوقىتىش رەزىل پىلانى داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار يېمەكلىك بىلەن زەھەرلىنىش ياكى نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قازا قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپلەپ كۆرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 988 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق