ئامېرىكا ئاليۇمىن، پولىۋىنىل خىلورىد ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى ئىجرا قىلىشنىڭ يېڭى مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ بېكىتتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇل «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاليۇمىن، پولىۋىنىل خىلورىد ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان ساھەلەر نۇقتىلىق ئورۇنغا قويۇلغان.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «نامراتلارنى يۆلەش» قاتارلىق ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرى ياكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايونلىرىغا سۈرگۈن قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي يەنىلا يالغان تەشۋىقاتلىرى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ئىلگىرى پەمىدۇر، كىيىم-كېچەك، پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرى، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىينى ئاساس قىلغان مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنىدى.
-2021يىلى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنىنى يولغا قويغانىدى ۋە بۇ قانۇنغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتايدىن ئامېرىكىغا مال ئىمپورت قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ چوقۇم ئىشلەپچىقىرىشتا مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەكلىكىنى شەرت قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ