ھىندىستاننىڭ چېگرا رايونىدا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشى خىتاينى بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي باياناتچىسى ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى يوق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 10-ئىيۇل ھىندىستاننىڭ تىبەت-ھىندىستان چېگرا رايونىدا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال ئۆلكىسىنى (خىتاي «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتايدۇ) تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى يوقلۇقىنى دەۋا قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى باياناتىدا ئارۇناچال ئۆلكىسىنىڭ خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكى، ھىندىستاننىڭ ئۇ يەرنى ئېچىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى يوق ئىكەنلىكى، خىتاي زېمىنىدا ئارۇناچال ئۆلكىسىنى قۇرۇشنىڭ قانۇنسىز ھەمدە ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتايدىغان ئارۇناچال ئۆلكىسى تەخمىنەن 90 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. ھىندىستان ئون نەچچە مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ رايوندىكى قاتناش ئەھۋالىنى ياخشىلىغان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتە دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تونېلنى ياسىغان. ھىندىستان ئارمىيەسى يەنە ئەتراپتىكى رايونلارغا چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، زەمبىرەك ۋە ھەر خىل ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان 1 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئارۇناچال ئۆلكىسىدە 12 سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ياساش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكچى بولغان. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ھازىرچە ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت بىلەن ھىندىستان چېگراسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3800 كىلومېتىر بولۇپ، نۇرغۇن بۆلەكلەردىكى چېگرا بۆلۈش لىنىيەسى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەتنى ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان خىتاي چېگرا رايونىدا ھىندىستان بىلەن ئۈزلۈكسىز چېگرا ماجىراسى قىلغان. دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەر ئىككىسى يادرو قورالىغا ئىگە بولۇپ، ئىككى تەرەپ 1962-يىلى چېگرا ماجىراسى ۋە تالاش-تارتىش سەۋەبىدىن قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇش قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئەمەلىي چېگرا كونترول لىنىيەسىدە ئۈزلۈكسىز توقۇنۇش ۋە سۈركىلىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ كەلگەن.
نۆۋەتتە چېگرا ماجىراسى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالغان. 2020-يىلى 15-ئىيۇن لاداخ رايونىدىكى ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىدە، تۆمۈر كالتەك بىلەن قوراللانغان خىتاي ئارمىيەسى سان جەھەتتە ئەۋزەللىكى بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، 20 ھىندىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ