مىسىرلىق يۇتۇبىر: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى نەگە كەتتى؟

مىسىرلىق يۇتۇبىر ئەھمەد ئەلبەدەۋىي شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە ئىسلام دۇنياسى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

يۇتۇب قانىلىدا 800 مىڭغا يېقىن ئەگەشكۈچىسى بار مىسىرلىق يۇتۇبىر ئەھمەد ئەلبەدەۋىي 6-ئىيۇل «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەقىقىي ھاياتىنى ئېنىقلىدىم» ناملىق زىيارەت فىلىمىنى تارقاتقان بولۇپ، فىلىم ئارقىلىق نۆۋەتتە خىتاي تەشۋىقات ۋاستىلىرى تارقىتىۋاتقان ئاتالمىش «ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەت قىلىنغان ھالدا بەھۇزۇر ياشىماقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كاپالەتگە ئىگە قىلىندى» دېگەن تەشۋىقاتلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى، خۇسۇسەن ئىسلام ئەللىرىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئارقىلىق، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

فىلىمدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەھمەد ئەلبەدەۋىي ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بەش سائەت ئۇچۇپ بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن. كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى ئەھمەد بەدەۋىي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمانلاردىن بىرى بولۇپ، ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقى، ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەبلىك تۈرمە ۋە جازا لاگېرغا سولانغانلىقىنى، كىشىلەر ئالدىدا ياكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئېتىقادىنى ئاشكارىلاپ سالغانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ، پۈتۈن ھاياتى تەقىب ۋە نازارەت ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بارلىق شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا تېررور مۇئامىلىسى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈرمەنلەرگە ئالاھىدە ئەسلىتىپ ئۆتكەن.

ئەھمەد ئەلبەدەۋىي شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدە، بۇندىن ئىلگىرىكى كۆپ سانلىق زىيارەتچىلەردەك خىتاي كۆز بوياش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان ساختا ئۇسۇل مەيدانلىرى، ئۇيغۇر-ئىسلام مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن ياساپ چىققان كۆرگەزمىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلىي ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش مەقسىتىدە مەسچىتلەرنى ئارىلاپ ئەھۋال ئىگىلەشكە، ئامال بار ئۇيغۇرلار بىلەن پاراڭلىشىشقا تىرىشقان.

ئۇ بۇ جەرياندا كۆپ سانلىق زىيارەتچىلەر بايقىيالمىغان ياكى قەستەن كۆرمەسكە سالغان، خىتاي ئىزچىل يوشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەت ئالداش رەزىل مەقسىتىدە چاقماي قويۇپ قويغان مەسچىتلەرنىڭمۇ دېگۈدەك تاقالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئىچكىرىلەپ ئالاقە قىلىش ئارقىلىق، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلىگەنلىكى سەۋەبلىك ئاشكارا ناماز ئوقۇيدىغان مۇسۇلماننىڭ قالمىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ سالام قىلىشتىنمۇ چەكلىنىپ، دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىغان.

ئۇنىڭ مەزكۇر ۋىدىيوسى ئۈچ كۈن ئىچىدە 200 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن، نەچچە مىڭلىغان ئىنكاسلار يېزىلغان. ئۇنىڭ ئىنستىگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىمۇ ئەگەشكۈچىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دىققەت قوزغىغان.

ئەھمەد بەدەۋىي ئۈرۈمچىدە كېتىۋېتىپ، تۇڭگانلارنىڭ چېقىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالغان جەنۇبىي چوڭ مەسچىتىنى كۆرگەن. ئەھمەد بەدەۋىي مەسچىتنىڭ ئىچىگە كىرىشكە تەمشەلگەن بولسىمۇ، بىراق مەسچىت تاقىۋېتىلگەن بولغاچقا كىرەلمىگەن.

ئەھمەد بەدەۋىي ئۈرۈمچى چوڭ بازاردىكى بىر ئاشخانىدا بىر ئۇيغۇر بىلەن ئەھۋاللاشقان بولۇپ: «سىز مۇسۇلمانمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇيغۇر كىشى بېشىنى بوشقىنا لىڭشىتىپ، ئۇنىڭ سوئالىغا ئۇدۇل جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

ئەھمەد بەدەۋىي ئۈرۈمچىدە يەنە خىتاي ھەر دائىم تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەت بارغان ئەمەلدار ۋە مۇخبىرلارغا كۆرسىتىش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان مەشھۇر دۆڭكۆۋرۈك مەسچىتىنىڭمۇ تاقاق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ مەسچىتنى زىيارەت قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق مەسچىتنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان.

ئەھمەد بەدەۋىي يەنە ئۈرۈمچىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق ئاق مەسچىتتە ناماز ئوقۇش چەكلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ ئاق مەسچىتنى كۆرگەن ۋە مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن، مەسچىتنىڭ تاقاق ئىشىكىنى چەككەن. مەسچىتنىڭ ئىچىدىن بىر ياشانغان ئۇيغۇر چىققان. ئەھمەد بەدەۋىي ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى، ناماز ئوقۇۋېلىشنى ئېيتقاندا، ئۇيغۇر كىشى: «مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم، ئەمما بۇ يەردە ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ» دېگەن ۋە ئۇدۇلدىكى بىر مەسچىتتە ۋە بەيتۇلمەمۇر مەسچىتىدە ناماز ئوقۇسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

گەرچە ئەھمەد ناماز ئوقۇساڭ بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن مەسچىتكە بارغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ كۆرسەتكەن مەسچىتنىڭمۇ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇ مەسچىت ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ناماز ئوقۇيدىغانلىقى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار نامازنىڭ ۋاقتى تېخى كەلمىدى، دېگەن باھانىلەرنى كۆرسەتكەن. ئۇ خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدا ئاتالمىش «شىنجاڭدا نەچچە مىڭلىغان مەسچىت بار، مۇسۇلمانلار دىنىي ئېتىقادىدىن بەھرىمەن بولۇپ ياشىماقتا» دېگەننى كۈچەپ تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما مەسچىت چېقىش تېررور سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇپ قالغان مەسچىتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، دىنىي باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك خەلقئارادا تۈرلۈك تەنقىد ۋە بېسىمغا دۇچ كەلدى. سىياسىي جەھەتتە چەتكە قېقىلدى، ئۇيغۇر خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش سەۋەبلىك بىر قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلدى. نەتىجىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بارغانچە تۆۋەنلەپ، ئىشلەپچىقارغان ماللار بازار ئېھتىياجىدىن ئېشىپ بېسىلىپ قالدى.

خىتاي جىنايەتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلام دۇنياسىدىن ھەرخىل ناملار بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالدىن تەييارلانغان چەكلىك ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تاشقى دۇنياغا جار سېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساياھەت ئورۇنلىرىنى تەسس قىلىپ، خىتاي ۋە چەت ئەلدىن ساياھەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ساياھەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق يوق، لاگېر يوق، مەجبۇرىي ئەمگەك يوق، دىنى چەكلىمە يوق دېگەندەك يالغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتتى. ئۇندىن خىتاي يەنە خىتايغا ئىشلەيدىغان قىسمەن ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن چەت ئەلگە چىقىشقا رۇخسەت قىلىش، چەت ئەلدىكى خىتايغا يېقىن ياكى خىتايغا كۆز-قۇلاق بولۇپ يۈرگەن ۋە ياكى خىتاي بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن قىسمەن ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشقا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق، ۋەزىيەتنىڭ ئىلگىرىكىدىن ياخشىلانغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.

ھالبۇكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى. ئىچكى تەشۋىقات ۋە سىياسەتلىرىدە بولسا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزمغا بويسۇندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەھمەد بەدەۋىيگە ئوخشاش خىتايغا سېتىلمىغان بىر قىسىم زىيارەتچىلەر قاتتىق نازارەت، چەكلىك ئىمكانىيەت ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ، ئىنسانىي، دىنىي بۇرچىنى ئادا قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1946 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق