ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى ئەلشىر ئۆمەر يەنە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى

ئۇيغۇر يېنىك ئاتلېتىكا ماھىرى ئەلشىر ئۆمەر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يەنە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

ۋاڭ يى تورىنىڭ 5-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 30-ئىيۇن 2024-يىللىق يېنىك ئاتلېتىكا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ۋە خىتاي يېنىك ئاتلېتىكا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ماھىر ئەلشىر ئۆمەر ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 45 سېكۇنت 86 دەقىقە نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولغان.

ئەلشىر ئۆمەر بۇ يىل 4-ئايدا دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق ئاسىيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 3 مىنۇت 22 سېكۇنت 46 دەقىقە نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولغانىدى.

يېنىك ئاتلېتىكا ماھىرى ئەلشىر ئۆمەر 2006-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىنىڭ ئونباش يېزىسىدا تۇغۇلغان. 2022-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ياش-ئۆسمۈرلەر يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ B  گۇرۇپپا 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە 49.73 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مەشىق ئەترىتىگە قوبۇل قىلىنغان ۋە 200 مېتىرغا، 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش مەشىق تۈرىگە قاتناشقان. ئەلشىرنىڭ نەتىجىسىدە ئالاھىدە ئىلگىرىلەش بولۇپ، خىتاي بويىچە 51-ئورۇندىن بىر سەكرەپلا خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1626 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 17:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق