ئىتالىيە دائىرىلىرى لىۋىيەگە مەخپىي ئەۋەتىلگەن خىتاينىڭ «يىلوڭ-2» ناملىق ئۇچقۇسىز ئايروپىلانلىرىنى قولغا چۈشۈردى.
مۇداپىئە سانائىتى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، شامال ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇلۇپ، لىۋىيەگە ئەۋەتىلگەن «يىلوڭ-2» ناملىق ئۇچقۇسىز ئايروپىلاندىن ئىككىسى، ئىككى دانە كونترول سۇپىسى ۋە قورال-ياراغ بىلەن تولدۇرۇلغان ئالتە چوڭ ساندۇق ئىتالىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە يۈرگۈزگەن قورال ئېمبارگوسىغا ئاساسەن، بۇ ئۈسكۈنىلەر مۇسادىرە قىلىنغان.
ئىتالىيە ساقچى دائىرىلىرى 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان باياناتىدا، ساندۇقلارنىڭ 18-ئىيۇن ئىتالىيەنىڭ گىئويا تۇئارو پورتىدا تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، يۈك ساندۇقلارنىڭ يوللىنىش يوللىرى ۋە بىرگە ئېلىپ ماڭغان تاموژنا ھۆججەتلىرىدىكى بىنورماللىق تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن گۇمانلىق دەپ قارالغان.
باياناتتا: «بۇ ساندۇقلار شامال ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلارنى قۇراشتۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان زاپچاسلارنى توشۇشى كېرەك ئىدى. يەرلىك تاموژنا ۋە مونوپول ئىدارىسىدە ئىشلىتىلگەن ئۈسكۈنىلەر رېنتىگېن ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق تەكشۈرۈلگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، توشۇلغان ماللارنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى گېنېراتورىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇشىغا قارىماي، ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇسىز ئايروپىلانلارغا ئوخشاش ئۇچۇشقا ماس كېلىدىغان ئايروپىلان گەۋدىسى ۋە قاناتلىرى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.
بۇ توشۇش چەكلەنگەن بۇيۇملار شامال ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلارنىڭ قاناتلىرىغا تەقلىد قىلىنغان بەزى قوشۇلما ئورالمىلار ئارىسىغا يوشۇرۇلغان بولۇپ، لىۋىيەگە قارىتىلغان قورال ئېمبارگوسى بويىچە، مەزكۇر ئۈسكۈنىلەر مۇسادىرە قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، گۇمانلىق ساندۇقلار خىتاينىڭ يەنتىيەن پورتىدىن لىۋىيەنىڭ ھافتار قوماندانلىقىدىكى گۇرۇپپا تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان بەنغازىغا كېتىۋاتقان پاراخوتتىن تېپىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئىتالىيە ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ گۇمانلىق قورال يۆتكەش ئەھۋالى ھەققىدە ئامېرىكىدىن ئىستىخبارات ئۇچۇرى ئالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ