ئامېرىكىدىكى بىر ئەقىل ئامبىرى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكىغا 18 تىرىليون دوللار زىيان سالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاينى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى ئەقىل ئامبىرى ئەنئەنە فوندى 8-ئىيۇن يېڭى دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتايدىن پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكىغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي زىيىنىنىڭ 18 تىرىليون دوللار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇ ھەقتە خىتاينى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان.
دوكلاتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي رېجىمىنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىك يۇقۇم مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە ۋىرۇسنىڭ خەۋپىنى يوشۇرۇش قىلمىشىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكى، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنغان.
مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكا خەلقىگە بىر قاتار زىيانلارنى كەلتۈرگەنلىكى، جۈملىدىن ئۆلۈم-يېتىم، ئىقتىسادىي زىيان، ئۇزۇن مۇددەتلىك ساغلاملىق مەسىلىلىرى، روھىي ساغلاملىق مەسىلىلىرى، مائارىپ ساھەسىدىكى زىيان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ئامېرىكىغا مەيلى روھىي جەھەتتە بولسۇن، ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتە بولسۇن، كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە زىيان سالغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئەنئەنە فوندى دوكلاتىدا ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە ئاق سارايغا خىتايغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىش تەكلىپىنى سۇنغان ۋە شۇنداقلا خىتاي ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ خىتاي ۋىرۇسى نەتىجىسىدە ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا خەلقىگە كەلتۈرگەن زىيانلىرى ئۈچۈن تۆلەم تۆلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ