خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلىكتە غەربكە قارشى تۇرۇۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىدە يەنىلا رىقابەتلەشمەكتىكەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 5-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقان. يىغىن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىن غەرب بىلەن مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بىر يەرگە توپلىغان. تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغان بولسا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «دىيالوگ شېرىكى» سۈپىتى بىلەن يىغىنغا قاتناشقان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى چارشەنبە پۇتىن شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «ئادىل، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكلىرىدىن بىرى» بولۇش رولىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ماختىغان.
پۇتىن بۇ قېتىمقى يىغىندىن پايدىلىنىپ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنى ماختاپ، رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. شى جىنپىڭ بولسا «بىرلىشىپ تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش، مەۋقەدە چىڭ تۇرۇپ ئۆزئارا قوللاش» كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئارىسىدا زىددىيەت مەۋجۇت ئىكەن، ھەتتا بۇ دۆلەتلەر زېمىن ماجىراسىغا چۈشۈپ قالغان. خىتاي بىلەن رۇسىيە گەرچە بىرلىشىپ غەربكە قارشى يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تەسىر كۈچ تالىشىش مەسىلىسىنىڭ ئىككى تەرەپ دوستلۇقىغا توسقۇنلۇق قىلىشىدىن ساقلىنالمايدىكەن.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە ھىدروكاربونلار زاپىسى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆزىنى قىزارتىدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي بۇ رايوندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن. مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ بۇ ساھەگە قاتنىشىشى يېڭى يىپەك يولى تۈرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيەنىڭ چىشىغا تەگمەي قالمايدىكەن. نۆۋەتتە غەربكە قارشى ئىككى گۇرۇھ بىرلىشىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ بىرلىكنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە يەنىلا رىقابەت مەۋجۇت ئىكەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى يىغىندا «كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپى»گە بولغان ۋەدىسىنى تەكرارلىغان ھەمدە غەربنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىر كۈچ قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، غەرب بىلەن رىقابەتلىشىدىغان ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇپ چىقىشنى ئۆز نىشانى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ نىشانى ئاساسلىقى بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادقا مەركەزلەشكەن. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ نوپۇسى دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %40 نى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيانىڭ %30 نى ئىگىلەيدىكەن. ئەزا دۆلەتلەردىن باشقا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يەنە 14 سۆھبەت شېرىكى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىگە تۈركىيە ۋە باشقا بىر قانچە ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى بار ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ