تۈركىيە خىتاي ئاپتوموبىللىرىدىن قوشۇمچە باجنى كەچۈرۈم قىلدى

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى قارارى بىلەن، تۈركىيەگە ئىمپورت قىلىنغان خىتاي ئاپتوموبىللىرىدىن ئېلىنماقچى بولغان قوشۇمچە باج كەچۈرۈم قىلىنغان.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 7-ئىيۇن چىقارغان قارار بىلەن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنى تۈركىيەگە ئىمپورت قىلغان خىتاي شىركەتلىرىگە %40 ياكى 7000 دوللار قوشۇمچە باج قويۇلغانىدى. ئەمما ئالاقىدار نىزامدىكى يېڭى ماددىدا مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ھۆججىتىگە ئاساسەن، خىتاي ماشىنىلىرىدىن ئېلىنماقچى بولغان قوشۇمچە تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان. يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن مەزكۇر قارار 5-ئىيۇلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. بۇ ئەھۋال ئىمپورت قىلغۇچىلار ۋە ماشىنا سانائىتى ئۈچۈن مۇھىم بىر ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

يېڭى شەپەق گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى تۈزۈمگە ئاساسەن مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ھۆججىتى بار ئىمپورت قىلغۇچىلاردىن قوشۇمچە باج كەچۈرۈم قىلىش باشقا ئىمپورت قىلغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ھۆججىتىگە ئىگە شىركەتلەر بۇ جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىدىكەن.

نۆۋەتتە، يېڭى نىزامنىڭ سانائەتكە قارىتا پوتېنسىيال ئۈنۈمى ۋە ئىمپورت قىلغۇچىلار ئارىسىدا قانداق رىقابەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى قىزىق نۇقتا بولماقتا. مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ھۆججىتىگە ئىگە شىركەتلەرنىڭ بۇ تۈزۈمدىن قانداق پايدىلىنىدىغانلىقى ۋە بۇ ساھەدە قانداق ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغانلىقى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئايدىڭلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 343 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 17:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق