6-ئىيۇل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى بېيجىڭدا بېلارۇسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بېلارۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 10-رەسمىي ئەزا دۆلىتى بولۇپ قالغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا بېلارۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 10-رەسمىي ئەزا دۆلىتى بولغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بېلارۇسىيە 2010-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دىيالوگ شېرىكى، 2015-يىلى كۆزەتكۈچى دۆلەت بولغان. 2022-يىلى 9-ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنى بېلارۇسىيەنى ئەزا دۆلەتلىككە قوبۇل قىلىش تەرتىپ ھۆججىتىنى ئىمزالىغان.
2023-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنىدا بېلارۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش مەجبۇرىيىتى توغرىسىدىكى ئەسلەتمە ئىمزالانغان. بۇ قېتىملىق يىغىندا بېلارۇسىيە تۈرلۈك تەرتىپلەرنى رەسمىي تاماملاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزا دۆلىتىگە ئايلانغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى 15-ئىيۇن شاڭخەيدە قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر خىتاي چېگراسى ئىچىدە قۇرۇلغان، خىتاي شەھىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، باش ئىشتابى خىتاي چېگراسى ئىچىگە تەسىس قىلىنغان بىردىنبىر رايون خاراكتېرلىك خەلقئارالىق تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېلارۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون رەسمىي ئەزا دۆلىتى، ئىككى كۆزەتكۈچى دۆلەت ۋە 14 سۆھبەتلىشىش ھەمراھى بار ئىكەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاي، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم نىشانى دەپ جار سېلىنغان. بۇ تەشكىلات كېيىنچە ھىندىستان ۋە پاكىستاننى قوشۇۋالغان. ئىران بۇ تەشكىلاتنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن 2022-يىلى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتكە ئىمزا قويغان.
يېڭى خەلقئارالىق ۋەزىيەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەدرىجىي ھالدا سىياسىي ۋە خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى بولۇپ كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ئەزا دۆلەتلەر جايلاشقان رايونلاردا غەربنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە باشتىن-ئاخىر خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ