خىتاي-ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئاستانىدا ئۇچرىشىپ، چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەتنى تېزلىتىشكە كېلىشكەن.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي بىيۇرو ئەزاسى ھەمدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 4-ئىيۇل قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جايشانكار بىلەن كۆرۈشكەن. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سۆھبەتنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە قوشۇلغان.
خىتاي-ھىندىستان ئارمىيەلىرىنىڭ چېگرا تالاش-تارتىشىش، رايونلىرىدىكى تىركىشىش ۋە توقۇنۇشلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن بولۇپ، ۋاڭ يى بىلەن جايشانكارنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى ئاستانىدا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى مەزگىلىدە ئىشقا ئاشقان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتىغا ئاساسەن، جايشانكار بىلەن ۋاڭ يىنىڭ نۆۋەتتىكى چېگرا رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىشى ئىككىلا تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ قارىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، جايشانكار سۆھبەت جەريانىدا ۋاڭ يىگە خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئەمەلىي كونترول سىزىقى مەسىلىسىدە ئۇچرىشىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، چېگرادىكى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قالدۇق مەسىلىلەرنى تېزرەك ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە سۆھبەتلىشىشىنى تېزلىتىشكە كېلىشكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئىككى تەرەپ 3500 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرانى بويلاپ توقۇنۇشۇۋاتقان بولۇپ، بۇ رايون يەنە «ئەمەلىي كونترول سىزىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يىللاردىن بېرى ئىككى تەرەپ توختىماي كۈچ سىنىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تىبەتنىڭ بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىدىغان ئارۇناچال ئىشتاتىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى تىبەتنىڭ بىر قىسىمى، دەپ دەۋا قىلىپ كەلمەكتە. ھىندىستان بولسا خىتاينىڭ 1962-يىلىدىن باشلاپ لاداختا ئىشغال قىلىۋالغان 37 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق ئاقساي چىن رايونىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى يەنىلا جىددىي ھالەتتە بولۇپ، ئارىلاپ چېگرا توقۇنۇشلىرى يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبلىك، ھىندىستان ئارمىيەسى دىققىتىنى تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان چېگراسىغا قاراتقان. بولۇپمۇ 2020-يىلى لاداخنىڭ شەرقىي چېگراسىدا يۈز بەرگەن خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن كېيىن، ھىندىستان ئارمىيەسى ياش ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئۈچۈن تىبەتشۇناسلىق كۇرسى ئاچقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىبەت رايونىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىل-يېزىقى ۋە يەر تۈزۈلۈشىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىنى نىشانلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ