دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر يىلقىدەك 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى نامايىش ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىدى.
ئاۋسترالىيەنىڭ ئادلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 5-ئىيۇل ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، خىتاينىڭ ئادلەيد شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان. نامايىشتا خىتاينىڭ 15 يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئىجرا قىلغان قىرغىنچىلىقى قايتا ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار 5-ئىيۇل جالالئاباد ۋىلايىتىدە خىتاينىڭ بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن سادىر قىلغان ئۈرۈمچىدە قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن. يىغىلىشتا ئۆز ۋاقتىدىكى خىتاينىڭ قەتلىئامى تونۇشتۇرۇلغان ھەمدە شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلغان.
ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەھشىيانە قەتلىئامنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.
5-ئىيۇل ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان. نامايىشتا خىتايلار سادىر قىلغان ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى كىشىلەرگە ئەسلىتىلگەن ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان.
ئۇندىن باشقا، 5-ئىيۇل ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار، ژۇرنالىستلار، سىياسەتچىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، ئەنقەرەدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى: تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدىكى مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
گوللاندىيەدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەپ نامايىش ئورۇنلاشتۇرغان.
بۇلاردىن سىرت، يەنە كۆپلىگەن دۆلەتلەردە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ۋە تۈرلۈك يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلگەن.
ئۈرۈمچىدىن تارقىتىلغان بىر سىندا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىنى ھەربىي ھالەت دەرىجىسىدە نازارەت، كونترول قىلغان بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي كوچىلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىدىكى يوللار بىرونېۋىك، ساقچى ماشىنىلىرى، قوراللىق ئەسكەر بىلەن تولغان. قاتار تىزىلىپ ماڭغان ساقچى ماشىنىلىرى ھەيۋە كۆرسىتىپ، خەلقنى قورقۇتۇشقا ئۇرۇنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ