خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسى 4-ئىيۇل ب د ت دا مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، بەزى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلغان. يەنە بەزىلەر دۆلەتلەر خىتاينى ماختىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 4-ئىيۇل ب د ت دا خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، بىر سائەتلىك قەرەللىك ئومۇمىي تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىش جەريانىدا، خىتاينىڭ زور ساندىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشقۇچىلارغا ئۇلارنىڭ تەۋسىيەلەرنىڭ 70 پىرسەنتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئەمما غەرب دۆلەتلىرى بەرگەن كۆپ قىسىم تەۋسىيەلەرنى قەتئىي رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ ب د ت جەنۋە باش ئىشتابىدىكى ئەلچىسى چېن شۇ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ: «سىياسىي مەقسەتتىن كېلىپ چىققان ھەمدە يالغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغان بىر تەرەپلىمە ئىدېئولوگىيەلىك قاراش ياكى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلىشىدىغان بەزى تەۋسىيەلەرنى خىتاي قەتئىي رەت قىلىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
مۇزاكىرە يىغىندا بىر قانچە دۆلەت ۋە تەشكىلات خىتاي تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسىگە رەددىيە بەرگەن، ئەمما يىغىننىڭ قۇرۇلمىسى سەۋەبلىك تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىنى ماختىغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىزچىل ھالدا قوللىغۇچىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلاردىن تەقسىم قىلىنغان سۆز قىلىش ۋاقتىنى خىتاينى ماختاش بىلەن تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇزاكىرىدە خىتايغا بىر سائەتلىك سۆزلەش ۋاقتىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، باشقا دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان تەشكىلاتلارغا جەمئىي 20 مىنۇتلا سۆزلەش ۋاقتى بېرىلگەن.
ئامېرىكا ئەلچىسى مىشېل تايلور: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىشقا توختىماي چاقىرىق قىلىشىغا قارىماي، خىتاي ھەرىكەت قوللىنىشنى رەت قىلدى ۋە قەرەللىك ئومۇمىي تەكشۈرۈشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇرغۇن قۇرۇلما خاراكتېرلىك تەۋسىيەلەرنى رەت قىلدى» دېگەن. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.
ئەنگلىيە ئەلچىسى سايمون مانلى خىتاينى ئەيىبلەپ: «خىتاي بۈگۈن ئەنگلىيەنىڭ ھەر بىر تەۋسىيەسىنى رەت قىلدى» دېگەن ۋە خىتاينىڭ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ۋە يەنە بىر قېتىم (ب د ت نىڭ) شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى نوپۇزلۇق باھالاش دوكلاتىنى قانۇنسىز، ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما رېئاللىقنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى بولسا خىتاينىڭ قەرەللىك ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مەسىلىسىگە «ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولغانلىقى»نى ماختىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ