خىتاي ئارمىيەسىنى مەشىقلەندۈرگەن تۆت شىركەت سودا چەكلىمىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكا ئالتە  شىركەتنى سودا چەكلىمىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت شىركەت خىتاي ئارمىيەسىنى مەشىقلەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2-ئىيۇل بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان بولۇپ، سودا چەكلىمىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئالتە شىركەتنىڭ ئىككىسى خىتايدا ئىكەن. ئۇلار «دۇنياۋى مەشىقنى ھەل قىلىش لايىھەسى چەكلىك شىركىتى» ۋە «كەلگۈسى ئەقلىي تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يۇقىرىقى تۆت شىركەتنىڭ ھەممىسى «جەنۇبىي ئافرىقا سىناق ئۇچۇش ئاكادېمىيەسى» بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقى، غەرب دۆلەتلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مەنبەلىرىنى ئىشلىتىپ، خىتاي ئارمىيەسىنى مەشىقلەندۈرگەنلىكى سەۋەبلىك تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا يەنە قالغان ئىككى شىركەتنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ چەكلىمىلەرنى بۇزغانلىقى سەۋەبىدىن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى، زور كۆلەملىك تېز يۈك توشۇش شىركىتىنىڭ يەنە ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى رۇسىيەگە توشۇغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ نازارەت قىلىدىغان تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەر ئالدى بىلەن چوقۇم ئىجازەتنامىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن ئامېرىكىنىڭ مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزەلەيدىكەن، ئەمما يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىجازەتنامە تەستىقلانماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.

ئېكسپورتنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى مەسيۇ ئاكسېلرود بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكىنىڭ كەسپىي بىلىملىرى بىلەن خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىلىرىنى مەشىقلەندۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئامېرىكا تېخنىكىسىنىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 258 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 16:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق