خىتاي مەبلەغ سالغان ئالتۇن كانى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئالتە خىتاي ئۆلدى

كونگودىكى خىتاي مەبلەغ سالغان بىر ئالتۇن كانى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئالتە خىتاي ئۆلتۈرۈلگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىغا جايلاشقان، ئالتۇن بايلىقى مول بولغان ئىتۇرى ئۆلكىسىدىكى بىر ئالتۇن كانى 3-ئىيۇل قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە تۆت خىتاي ئۆلتۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بولسا، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئالتە خىتاي كان ئىشچىسى ۋە ئىككى كونگو ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، يەنە ئىككى كان ئىشچىسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنىڭ ھازىرغىچە نامەلۇم ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى خىتاي كانىغا ھۇجۇم قىلغان قوراللىق تەشكىلاتنىڭ ئىسمى «كونگو تەرەققىيات ھەمكارلىق جەمئىيىتى» بولۇپ، بۇ تەشكىلات لېندۇ قەبىلىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە قارشى تەرەپتىكى خېما قەبىلىسىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كونگونىڭ ئىتۇرى ئۆلكىسى ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان يەنە بىر ئالتۇن بايلىقى مول بولغان جەنۇبىي كىۋۇ ئۆلكىسىدە كان رايونلىرى ۋە ئالتۇن توشۇيدىغان ماشىنىلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. خىتاي كونگونىڭ ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچىسى بولۇپ، نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرى جەنۇبىي كىۋۇ ئۆلكىسىدە ئالتۇن ۋە باشقا كانلارنى قازغان. بۇ خىتاي شىركەتلىرى پايدىسى يۇقىرى بولغان كان سانائىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، يەرلىك خەلق بىلەن خىتاي كان شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئالتۇن قېزىش توغرۇلۇق توقۇنۇشلار كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 231 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2024 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق